ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

بالىلارنىڭ ئىرسىيەت خاراكتېرلىك سېمىزلىكى ئائىلە مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 05:01   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، لوندون داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتنى كۆپرەك يەيدىغان، تېلېۋىزورنى ئاز كۆرىدىغان، تۇرمۇش ئادىتى ساغلام بولغان ئائىلە مۇھىتى بالىلارنىڭ ئىرسىيەت خاراكتېرلىك سېمىزلىككە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى يېرىم نىسبەت تۆۋەنلىتىدىكەن.

سېمىزلىك گېنىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر باشقا ئادەملەرگە قارىغاندا ئاسانلا سېمىزلىككە گىرىپتار بولىدىكەن. غەيرى تۇخۇملۇق قوشكېزەكلەرنىڭ %50 گېنى ئوخشاش بولىدىكەن، بىر تۇخۇملۇق قوشكېزەكلەرنىڭ %100 گېنى ئوخشاش بولىدىكەن، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىرسىيەت خاراكتېرلىك سېمىزلىككە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئوخشاش بولىدىكەن.

لوندون داشۆسى شۆيۈەنىنىڭ ئالىملىرى 2013-يىلى 7-ئايدىن 10-ئايغىچە بۇ ئىككى خىل قوشكېزەكلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇھىتنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ سېمىزلىك گېنىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىگە بولغان تەسىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئەگەر بالىلار مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتنى ئاز يەيدىغان، كۆپىنچە ۋاقتىنى تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولسا، بۇلارنىڭ %86 ىدىكى سېمىزلىك ئىرسىيەت ئامىلىدىن بولىدىكەن. ھالبۇكى، يېمەك-ئىچمىكى ساغلام، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغان ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ سەمرىپ كېتىشىدە ئىرسىيەت ئامىلى ئارانلا %39 نى ئىگىلەيدىكەن.

ئامېرىكا جىددىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن بۇيان ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن. بالىلاردىكى سېمىزلىك مەسىلىسى زەھەر چىكىش ۋە تاماكا چىكىشتىنمۇ ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلىدىغان مۇھىم ساغلاملىق مەسىلىسىگە ئايلانغان.

نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش ھەققى كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھالەتكە يەتكەن، يىلدا تەخمىنەن 190 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئامېرىكىنىڭ يىللىق داۋالىنىش چىقىمىنىڭ %21 ىنى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئارىسىدا بالىلاردىكى سېمىزلىكنى داۋالاش ھەققىلا 14 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى (96 مىليارد 900 مىليون يۈەن) غا يەتكەن.

مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

http://uy.ts.cn/system/2018/10/19/035422765.shtml

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى