ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

بالىلار قائىدىلىك بولسا چوڭ بولغاندا ئاسانلا ئۇتۇق قازىنىدۇ

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 05:00   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  تىيانشان تورى

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئاتا-ئانىنىڭ باشقۇرۇشى قاتتىق بولسا، بالىلار تېخىمۇ قائىدىلىك بولۇپ، چوڭ بولغاندا ئاسانلا ئۇتۇق قازىنىدىكەن. بالىنى قاتتىق باشقۇرىدىغان ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئۆگىنىش ئەھۋالىغا بولغان تەسىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ئېسسېكس داشۆسىنىڭ پىسىخولوگىيە تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئېرىكا لاسكو رامىرېز ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى 13 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان 15 مىڭ 500 قىز ئوقۇغۇچىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ئانىسى قاتتىق باشقۇرىدىغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا قائىدە-تۈزۈملەرنى قانچە كۆپ بېكىتىپ بەرسە، بالىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ بولىدىكەن، بالىلار شۇنچە ئاسان ئۇتۇق قازىنىدىكەن، كۆڭۈلدىكىدەك، يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتكە ئاسانلا ئېرىشەلەيدىكەن، ئۇلارنىڭ ئىشسىز قىلىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولىدىكەن. تەتقىقاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ھەربىر ئۇتۇق قازانغان ئايالنىڭ كەينىدە كوت-كوت ئانىسى بولىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

http://uy.ts.cn/system/2018/10/22/035425158.shtml

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى