ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

مۇتەخەسسىسلەر ئاشقازان راكىنىڭ ياشلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23- كۈنى 04:59   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  تەڭرىتاغ تورى

  چۇتيەن شەھەر گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا، ۋۇخەن شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاشقازان راكىنىڭ ياشلىشىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىچكى بوشلۇق ئەينىكىنىڭ بىۋاستە تەكشۈرىدىغان ۋاستە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  42 ياشلىق خەن ئەپەندى ۋۇخەن شەھىرىدىكى بىر شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، خىزمەت مىقدارى كۆپ بولغاچقا، داۋاملىق كېچىدە ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ، ئۈچ ۋاخ تامىقىنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا يېمەيدۇ. تۆت يىل ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئاشقازىنى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بەزىدە كېچىلىرى ئاغرىقتىن ئويغىنىپ كېتىدۇ. ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئاشقازىنىدا غەيرى ئۆسمىنىڭ بارلىقى، راكقا ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى ئېنىقلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ھەر يىلى بىر قېتىم ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ۋۇخەن شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى راكقا ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى بايقاپ، ۋاقتىدا ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئاشقازىنىنىڭ راكقا ئۆزگىرىشكە باشلىغان قىسىمنى كېسىپ ئېلىۋېتىدۇ.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشقازان راكى دۆلىتىمىزدىكى 2-چوڭ راك كېسىلى بولۇپ، ھەر يىلى دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن بايقىلىدىغان ئاشقازان راكى بىمارى 679 مىڭغا، قازا قىلغان ئاشقازان راكى بىمارى 498 مىڭغا يەتكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ نىسبىتى ئاياللاردىن، يېزىلاردىكىلەرنىڭ شەھەرلەرنىڭكىدىن كۆپ ئىكەن. دۆلىتىمىزنىڭ شەندۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلىرى ئاشقازان راكى كۆپ بايقىلىدىغان جايلار ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسلى 50 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغانلاردا ئاشقازان راكى كېسىلى كۆپرەك كۆرۈلىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇنىڭدا «ياشلىشىش» ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، 40 ياشتىن تۆۋەن ئاشقازان راكى بىمارلىرى بارغانسېرى كۆپەيگەن. شيېخې دوختۇرخانىسى ھەتتا 17 ياشلىق ئاشقازان راكى بىمارىنىمۇ قوبۇل قىلغان.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاشقازان راكىنى دەسلەپتە بايقىغاندىلا ئىچكى بوشلۇق ئەينىكىدە مىكرو زەخىملىك داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، ئۆزگەرگەن قىسىمنى ئېلىۋەتسە بولىدىكەن، سىستېمىلىق داۋالاشتىن كېيىن بىمارنىڭ بەش يىل ھايات قېلىش نىسبىتى %95كە يېتىدىكەن.

  ۋۇخەن شيېخې دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسىنىڭ تەۋسىيە قىلىشىچە، ئاشقازان راكىنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدىكەن. شۇڭا ئاشقازان راكى بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك ئىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكتە كۆپ چايناش، زىيادە يەۋالماسلىق، ئامالنىڭ بارىچە ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش، مايلىق، خام، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، قان تومۇر كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەڭ ياخشىسى تاماقنى نەچچىگە بۆلۈپ يېيىش زۆرۈركەن، تۇرمۇشتا ھەددىدىن زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىپ، كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇش، ھەر ھەپتىدە بەدەن چېنىقتۇرۇش لازىم ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، 40 ياشتىن ئاشقانلار، بولۇپمۇ ئەجدادىدا ئىرسىيەت خاراكتېرلىك راك كېسىلى بارلار چوقۇم قەرەللىك ئاشقازان ئەينىكى تەكشۈرۈشى قىلىپ، ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالىتىشى لازىم ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

http://uy.ts.cn/system/2018/10/17/035418082.shtml

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى