ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە سېپىنى قۇرىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22- كۈنى 04:30   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى قەيسەر نىجات

    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆزگەرتىپ، يالغان تەلىمات ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىدېئولوگىيە ساھەسى، مەدەنىيەت–سەنئەت، ئەدەپ–ئەخلاق، ئۆرپ–ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردىن سىڭدۈرمىچىلىك قىلىپ، ئاممىنى ھەر تەرەپتىن چىرىتتى، قۇتراتتى ۋە ئازدۇردى، ھەتتا قارا قولىنى مەكتەپلەرگە سۇنۇپ، بار چارە–ئاماللار بىلەن ياش–ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەپ، چىرىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ تەھدىتكە ئايلاندى.

    تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭخۇا مىللىتى ئىزچىل ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ۋە يۇغۇرۇلۇش ئارىسىدا تۇرۇپ كەلدى، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش باشتىن–ئاخىر ئاساسىي ئېقىم ۋە يۆنىلىش بولدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق يېڭى مەزگىلگە كىردى. ئەمەلىيەت ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلار شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز زېمىنىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايمىز. قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىپ، ئەجەللىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ كەسكىن ھەرىكەت، ئەڭ كۈچلۈك ۋاسىتە بىلەن زەربە بېرىشىمىز كېرەك. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى پولات سېپىل قۇرۇشىمىز كېرەك، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئۇلارغا شۇنداق ئۇقتۇرىمىزكى: سەنلەر مەقسىتىڭگە ھەرگىز يېتەلمەيسەن؛ سەنلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا پېتىنىدىكەنسەن، مۇقەررەركى، ئۆلۈكۈڭنى كۆمگۈدەك جايمۇ چىقمايدۇ.

    بىز شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يوقىتىشتا، چوقۇم دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى قەتئىي چەكلىشىمىز ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت ياش–ئۆسمۈرلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى. مەكتەپ سوتسىيالىزمنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەيدىغان ئورۇن، پەقەت مەكتەپلەردە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلاردا ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرۈپ، تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىيالايمىز.

    پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن–ئاخىر مەيدانىمنى ئىنتايىن مۇستەھكەم، بايرىقىمنى ئىنتايىن روشەن، ھەرىكىتىمنى ئىنتايىن كەسكىن قىلىپ، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك جىنايى ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىمەن، تەنقىد قىلىمەن. ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، كەڭ ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداشقا يېتەكلەيمەن. پۈتۈن مەكتەپتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەممە ئادەم قاتنىشىش، ھەممە خادىمنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، شۇنداقلا ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› ھەم ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە تولۇق تايىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتىزامغا ئەھمىيەت بېرىپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان مائارىپ كەيپىياتى بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە كەڭ ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى قۇرۇپ چىقىدىغان قىلىمەن.

    http://uy.ts.cn/system/2018/10/20/035423730.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى