ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

پارتىيەنىڭ مائارىپ بازىسىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22- كۈنى 04:28   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    گۇچۇڭ ناھىيەلىك 2–باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما جۈشياڭ

    مەن بىر خۇيزۇ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. چوڭ بولغاندىن كېيىن سىفەن مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولدۇم، ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئوقۇش پۇلۇم كەچۈرۈم قىلىنغاندىن سىرت، ھەر ئايدا يەنە تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتىم. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم ھەم شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولدۇم. كۆپ يىللاردىن بۇيان، پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەلىشى ۋە غەمخورلۇقىدا، ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى، سىنىپ مەسئۇلىدىن تەدرىجىي ھالدا ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا چىقتىم، ھەر بىر قەدەمدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىم پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈردۈم، مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ ئۇچقاندەك ئالغا باسقان ئۆزگىرىشلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم. مەن ئۇلۇغ پارتىيەمىزگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. كومپارتىيە بولمىسا، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم، ئىلگىرىلىشىم بولمايتتى، كومپارتىيە بولمىسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى. پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش چىن قەلبىمىزدىن ئۇرغۇپ چىققان سەمىمىي ھېسسىياتىمىز.

    مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئوبدان بىلىمەن. مەن پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن، پارتىيەنىڭ مائارىپ بازىسىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمەن. مەن بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى سىياسىي ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى روھىنى قايتا–قايتا ئۆگىنىش، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا چېتىلىدىغان چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە ھەر ۋاقىت كاللىسىنى سەگەك، مەيدانىنى مۇستەھكەم، بايرىقىنى روشەن قىلىشقا يېتەكلەيمەن. باشتىن–ئاخىر مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، قىزىل سىزىق ئېڭى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، مائارىپ سىستېمىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي يوقىتىپ، مائارىپ بازىسىنى ياخشى ساقلاپ، ئۈچ چى ئېگىزلىكتىكى دەرس مۇنبىرىنى ياخشى ئىگىلەيمەن.

    نۆۋەتتە، شىنجاڭ يەنىلا كەسكىن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋەقە تۇغدۇرىدىغان زوراۋان–تېررورچىلاردىنمۇ بەكرەك ساختىپەز، ھىيلىگەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەۋپى تېخىمۇ چوڭ. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەم ھەر مىللەت ئامما ئالدىدا شوئارنى ياخشى توۋلايدۇ، پوزىتسىيەنى ياخشى بىلدۈرىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايدىغان ئاكتىپلار قىياپىتىگە كىرىۋېلىشقا تىرىشىدۇ؛ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى ئاستىرتىن قوللايدۇ، يول قويىدۇ، قانات ئاستىغا ئالىدۇ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ، قاتنىشىدۇ، پىلانلايدۇ، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى ۋە قولچوماقچىسى، جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول. پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك، سۆزۈم بىلەن ھەرىكىتىمنى بىردەك قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپلا قالماي، يەنە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قەتئىي تۈردە كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پەرقلەندۈرۈپ، تازىلاپ چىقىرىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرماي، قوشۇنىمىزنى ساپلاشتۇرۇشقا يېتەكلەيمەن.

    مەن بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹تۆتكە ئىگە›› ياخشى ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئۆلچەم قىلىپ، ھەرۋاقىت ئۆزۈمنى ئەسكەرتىپ، ئۆزۈمنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمەن. باشلامچىلىق بىلەن ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىمەن، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ پاك زېمىننى ياخشى قوغدايمەن، ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي–ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

    http://uy.ts.cn/system/2018/10/20/035423831.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى