ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

تىرىشىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ھەسسە قوشىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22- كۈنى 04:27   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    بورتالا شەھەرلىك شەھەر قىياپىتى، مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن شويىڭپەن بازىرى داڭخارتبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1–شۇجى مۇيەسسەر نەجمىدىن

    مەن بورتالادا تۇغۇلغان، دادام ئىشچى، ئاپام خەلق ئوقۇتقۇچىسى، ئاتا – ئانام يېڭى جۇڭگو تەرەققىيات تارىخىنىڭ گۇۋاھچىلىرى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە بەختلىك تۇرمۇشقا قەدەم قويغان نەپكە ئېرىشكۈچىلەر. ئاتا – ئانامنىڭ تەسىرىدە، كىچىكىمدىنلا قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئۇلۇغ پارتىيەنى، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى يىلتىز تارتقان. مەن 1994-يىلى خىزمەتكە قاتناشتىم، پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەلىشى ۋە غەمخورلۇقىدا، شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم، مەن ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەسى ۋە ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىم كېرەك، دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىمەن.

    20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىلگىرىلەش مۇساپەمنى ئەسلىگىنىمدە، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلىرىم بولمايتتى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن – ئاخىر ‹‹قەلبىدە پارتىيە بولۇش، قەلبىدە خەلق بولۇش، قەلبىدە مەسئۇلىيەت بولۇش، قەلبىدە ئىبرەت بولۇش››نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەسسە قوشىمەن.

    ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ، خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشى تەستە قولغا كەلگەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئۇلار ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، بىرلىشىپ ئەسكىلىك قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بىز كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، ئەتراپىمىزغا يوشۇرۇنغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى دادىل پاش قىلىپ، ئېچىپ تاشلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى قىلمىشىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، بۇ زەھەرلىك ئۆسمىلەرنى تەلتۆكۈس پاكىز تازىلىشىمىز كېرەك.

    مەن قەتئىي ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللامنى قوراللاندۇرىمەن، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىمەن، خىزمەتكە تۈرتكە بولىمەن، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، قەتئىي تەۋرەنمەي ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، باش نىشاننى چۆرىدەپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››گە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايمەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى قوغدايمەن.

    ياخشى كۈنلەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەن، بىز چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشىمىز كېرەك. دۆلەت بولغاندىلا ئائىلىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئائىلە بولغاندىلا بىزنىڭ بولىدىغانلىقىمىزنى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولغاندىلا خاتىرجەم ياشىيالايدىغانلىقىمىزنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. كىمكى پارتىيە ۋە خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىشكە پېتىنىدىكەن، كىمكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا پېتىنىدىكەن، بىز ئۇنىڭغا قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز، ئۇنىڭغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىمىز.

    مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇھىم، زور مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپلىك بۇرچنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلساقلا، چوقۇم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە يوشۇرۇنغىدەك جاي، قاچقۇدەك يول قالدۇرماي، ئۇلارنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلالايمىز.

    http://uy.ts.cn/system/2018/10/21/035424405.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى