ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

مەملىكەت بويىچە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى ۋە مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22- كۈنى 03:57   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    چېن چۈەنگو، باتېر سۆز قىلدى، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى، سۈن شۆيۈ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 10–ئاينىڭ 17–كۈنى، مەملىكەت بويىچە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى ۋە مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، 1–سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باتېر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى سۈن شۆيۈ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.

    چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت، بىڭتۈەن ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قاتارلىق مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، مەدەت بەرگەنلىكى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مەملىكەت بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىجادىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بىز بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. بىرىنچى، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مىللەتلەر خىزمىتىنى پۈتكۈل ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دائىم بوشاشماي چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق–تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش كېرەك. تۆتىنچى، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش تۈر مەبلىغى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. بەشىنچى، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيدا پىشقان، ئىقتىدارى گەۋدىلىك، ئىستىلى ياخشى يۇقىرى ساپالىق مىللەتلەر خىزمىتى كادىرلىرى قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئالتىنچى، پائال ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇنى قوللايدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

    باتېر سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى، ئۇنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. باتېر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى سىستېمىسى مىللەتلەر خىزمىتى تارماقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭغا، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى، ھەرقايسى تەرەپلەر چوڭقۇر ھەمكارلىشىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك قۇرۇلۇش، بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەشتىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇرۇلۇش، ھەم مۇكەممەل، ھەم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇرۇلۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت تۈزۈلمە–مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان سۇپا ۋاسىتىسىنى ياخشى بەرپا قىلىپ، «قەھرىمانلار ئۇچرىشىشى»نى ياخشى ئېيتىشقا ماھىر بولۇپ، «بىرىكمە كۈچ ماركىسى»نى ياخشى يارىتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنىڭ 13–بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتى ۋە مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ئۈزلۈكسىز يېتەكچىلىك قىلىپ، بەختلىك، گۈزەل، ئاۋات، ئىناق يېڭى چېگرا رايون قۇرۇپ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

    يىغىندا، شىنجاڭ، شىزاڭ، بىڭتۈەن، خېيلۇڭجياڭ، شاڭخەينىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتلىرى ۋە نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

    چېگرا رايوندىكى توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن، نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 21 ئۆلكە، شەھەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

    http://uy.ts.cn/system/2018/10/18/035420444.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى