ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22- كۈنى 03:47   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 10–ئاينىڭ 19–كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ‹‹پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، پەن تەتقىقات نەتىجە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا دائىر بىر قانچە تەدبىر توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئىلىم–پەن سانلىق مەلۇماتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى››، ‹‹ناھىيەلەرنىڭ داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى››، ‹‹<ئالاقە تورى+داۋالاش، ساغلاملىق> تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، پەن تەتقىقات نەتىجە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى ئۇرغۇتۇش ۋە قوزغىتىش، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئىقتىدارىنى زورايتىشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيا بويىچە پەن–تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. ‹‹پەن تەتقىقاتنى باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، پەن تەتقىقات نەتىجە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا دائىر بىرقانچە تەدبىر توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››دە ھازىرقى پەن تەتقىقات تۈرلىرىدە تۈر تۇرغۇزۇش تەرتىپى كۆپ بولۇش، خامچوت تۈزۈش ۋە باھالاپ تەكشۈرۈش رەسمىيىتى مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان كونكرېت مەسىلىلەرگە قارىتا، پەن تەتقىقات تۈرى ۋە خىراجىتىنى باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق باھالاش، ئىلھاملاندۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەن تەتقىقات تۈرى نەتىجە ئۈنۈمىنى باھالاشنى كۈچەيتىش، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تۆت جەھەتتىكى كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا پەن تەتقىقاتتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش بويىچە تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىش، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىش، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى سىياسەت بىلەن تەمىنلىدى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىلىم–پەن سانلىق مەلۇماتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش دۆلىتىمىزنىڭ ئىلىم–پەن سانلىق مەلۇمات خىزمىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئىلىم–پەن سانلىق مەلۇماتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى››دە چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىش تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىش، سانلىق مەلۇمات ماتېرىيالىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش، پەن–تېخنىكا بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئىلىم–پەن سانلىق مەلۇماتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىغا تىرەك بولۇش قاتارلىقلار مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئىلىم–پەن سانلىق مەلۇماتىنى يىغىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، رەتلەش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە باشقۇرۇش، قوللىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ھەم ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قارىتا قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش داۋالاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم قەدەم باسقۇچى ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتۇر. ‹‹ناھىيەلەرنىڭ داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يولغا قويۇش لايىھەسى›› دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش، داۋالاشنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ تەكشى، تېخىمۇ تولۇق راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ. ‹‹<ئالاقە تورى+داۋالاش، ساغلاملىق> تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› ‹‹ساغلام جۇڭگو›› ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

    http://uy.ts.cn/system/2018/10/20/035423838.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى