ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، دۆلىتىمىزدە ياسالغان چوڭ تىپتىكى سۇدىنمۇ، قۇرۇقلۇقتىنمۇ ئۇچىدىغان ئايروپىلان AG600نىڭ سۇدىن تۇنجى ئۇچۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22- كۈنى 03:44   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ تەبرىكلىدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 10-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان چوڭ تىپتىكى ئوت ئۆچۈرىدىغان/ سۇدا قۇتقۇزىدىغان، سۇدىنمۇ، قۇرۇقلۇقتىنمۇ ئۇچىدىغان AG600 ئايروپىلان 10-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خۇبېي جىڭمېن جاڭخې ئايرودۇرۇمىدا تۇنجى قېتىم سۇدىن سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلىدى.

    شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چوڭ تىپتىكى ئوت ئۆچۈرىدىغان/ سۇدا قۇتقۇزىدىغان، سۇدىنمۇ، قۇرۇقلۇقتىنمۇ ئۇچىدىغان ئايروپىلان AG600نىڭ سۇدىن تۇنجى ئۇچۇرۇلۇشى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ، دۆلىتىمىز ئاۋىياتسىيە سانائىتىدە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا نەتىجىسى. تەتقىقاتقا قاتناشقان بارلىق ئورۇن ۋە خادىملار جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈر تەتقىقاتىدا مۇھىم بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. مەن يولداشلارنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن!

    شى جىنپىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئاۋىياتسىيەدە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، زور كۈچ بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈر تەتقىقاتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى ۋە دۆلەت تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى داۋاملىق قاندۇرۇش، ئاۋىياتسىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ تەبرىكلىدى. ئۇ تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چوڭ تىپتىكى ئوت ئۆچۈرىدىغان/ سۇدا قۇتقۇزىدىغان، سۇدىنمۇ، قۇرۇقلۇقتىنمۇ ئۇچىدىغان ئايروپىلان AG600 دۆلىتىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سەرخىل ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك جابدۇق بولۇپ، سۇدىن تۇنجى ئۇچۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقى مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تەتقىقاتقا، سىناققا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن! شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئىشلەپ، قالتىس بولۇشنى قوغلىشىپ، AG600نى بالدۇرراق ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ كۇرسلۇق مەھسۇلاتىنى يارىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، ئاۋىياتسىيە سانائىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    10-ئاينىڭ 20-كۈنى، سائەت 8 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، AG600 تىپلىق ئايروپىلان جىڭمېن جاڭخې ئايرودۇرۇمىدىن سىيرىلىپ مېڭىپ سۇغا كىردى، ئارقىدىنلا سۇدىن قوزغىلىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. ئايروپىلان 14 مىنۇت سىلىق ئۇچۇپ، بەلگىلەنگەن بىر قاتار سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش تۈرلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، سائەت 9 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە سۇغا ئوڭۇشلۇق قوندى. سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇرۇلغان ئايروپىلاننىڭ باشلىقى باش قوماندانغا ئۇچۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، باش قوماندان چوڭ تىپتىكى ئوت ئۆچۈرىدىغان/ سۇدا قۇتقۇزىدىغان، سۇدىنمۇ، قۇرۇقلۇقتىنمۇ ئۇچىدىغان ئايروپىلان AG600 نىڭ سۇدىن تۇنجى ئۇچۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

    سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى نەق مەيداندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنى ئوقۇدى.

    AG600 تىپلىق ئايروپىلان دۆلىتىمىز جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھاۋا مەشغۇلاتىغا ماسلىشىش قائىدىسىنىڭ تەلىپى بويىچە تۇنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان چوڭ تىپتىكى ئالاھىدە ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلان، شۇنداقلا نۆۋەتتە دۇنيادا تەتقىق قىلىنىۋاتقان سۇدىنمۇ، قۇرۇقلۇقتىنمۇ ئۇچىدىغان ئەڭ چوڭ ئايروپىلان. AG600 تىپلىق ئايروپىلان ئورماندا ئوت ئۆچۈرۈش، سۇدا قۇتقۇزۇش، دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى كۆزىتىش ۋە قوغداش قاتارلىق كۆپ خىل ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشتىكى زور ئاۋىياتسىيە جابدۇقى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش، دۆلەتنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. 2016-يىلى7 -ئايدا، AG600 تىپلىق ئايروپىلان ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇلۇپ پۈتكەن، 2017-يىلى 12-ئايدا جۇخەيدە قۇرۇقلۇقتىن تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان.

    تەبرىك تېلېگراممىسى

    سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ھەم AG600 نى سۇدىن تۇنجى ئۇچۇرۇش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان ھەرقايسى تەتقىقاتقا، سىناققا قاتناشقان ئورۇنلار ۋە بارلىق يولداشلار:

    چوڭ تىپتىكى ئوت ئۆچۈرىدىغان/ سۇدا قۇتقۇزىدىغان، سۇدىنمۇ، قۇرۇقلۇقتىنمۇ ئۇچىدىغان ئايروپىلان AG600نىڭ سۇدىن تۇنجى ئۇچۇرۇلۇشى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ، دۆلىتىمىز ئاۋىياتسىيە سانائىتىدە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا نەتىجىسى. تەتقىقاتقا قاتناشقان بارلىق ئورۇن ۋە خادىملار جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئىشلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈر تەتقىقاتىدا مۇھىم بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. مەن يولداشلارنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن! ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئاۋىياتسىيەدە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، زور كۈچ بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈر تەتقىقاتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى ۋە دۆلەت تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى داۋاملىق قاندۇرۇش، ئاۋىياتسىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    شى جىنپىڭ

    2018-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى)

    http://uy.ts.cn/system/2018/10/21/035424029.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى