ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22- كۈنى 03:42   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك پارتكوم باش كاتىپلىرى يىغىنىغا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

    پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك پارتكوم باش كاتىپلىرى يىغىنى 10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتكوم بەنگۇڭتىڭى (ئىشخانا) پارتكومنىڭ ئۇنىۋېرسال تارمىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتكومنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى مەسلىھەتچى، ياردەمچى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭ (ئىشخانا)لىرى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، خىزمەتنى تىرىشىپ ئىشلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى دەۋر ئالدىدا، ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، قوشۇن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ‹‹ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش›› خىزمەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلقنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭ (ئىشخانا)لىرى بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، توغرا تونۇش ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسقا ماسلىشىپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى، ئاپپارات فۇنكسىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى، خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، ‹‹ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش›› ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

    يىغىندا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتكوم بەنگۇڭتىڭى (ئىشخانا) خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەجرىبىلىرى يەكۈنلەندى، ئالماشتۇرۇلدى، ‹‹ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش›› خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسى ۋە تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى، پارتكوم بەنگۇڭتىڭ(ئىشخانا)لىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك نۇقتىلىق خىزمەتلىرى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    http://uy.ts.cn/system/2018/10/21/035424028.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى