ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 08- كۈنى 03:33   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مۇتەللىپ مەتتوختى

    شىنجاڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلار جايلىشىش جەھەتتە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز ئارا تايىنىپ، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يېقىنلىشىپ، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. لېكىن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئىدىيەۋى ئاساس، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى ئاساسلىق ۋاسىتە، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت قىلىپ، تەلۋىلەرچە بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئەتراپىمىزغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئاستىرتىن گېپىنى بىر قىلىۋالدى، ئۇلار ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە.

    مەن كىچىكىمدىن شىنجاڭدا ياشاپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ، بۇ ئىللىق زېمىندىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە ئۆز كۆزۈم بىلەن گۇۋاھ بولدۇم، ئۇنى باشتىن كەچۈردۈم. مەن تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ باققاچقا، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلىمەن.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن››نى دەستەك قىلىپ، تەلۋىلەرچە سىڭدۈرمىچىلىك قىلىپ، ھە دەپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، سەپسەتە ۋە يالغان-ياۋداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ئاممىنى ئالداپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىن يوچۇق ئېچىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلارنىڭ رەزىل غەرىزى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈندۇر. بىز ھەر بىرەيلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل غەرىزى ۋە جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، كۆزىمىزنى قەتئىي روشەنلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئالدانماسلىقىمىز، مەجبۇرىي ئەگەشمەسلىكىمىز ۋە تۇتقۇن بولماسلىقىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى قاراپ تۇرماسلىقىمىز ۋە سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك.

    مىڭ گەز ئېگىزلىكتىكى دەرەخنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ، تۈمەن چاقىرىملىق دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ. كومپارتىيە بولمىسا، بۈگۈنكى ياخشى كۈنلىرىمىز بولمايتتى. بىراق، ئەتراپىمىزغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چېقىپ، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولدى. بۇ رەزىل، نومۇسسىز مۇناپىقلارنىڭ نىقابىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەك.

    پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىمەن، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىمەن. تەنتەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق، تەنتەربىيەنىڭ سىياسىي، تەربىيەلەش، يېتەكلەش، ئۇيۇشتۇرۇش ۋە بازىدىن ئىبارەت بەش چوڭ فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇانى سۆيۈش ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەردىن پەخىرلىنىشكە، ئۆزىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىدىن ئىپتىخارلىنىشقا يېتەكلەيمەن. ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پوزىتسىيەمنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ئاممىنىڭ ياخشى ‹‹سەركە››سى بولۇپ، ھەربىر سۆز-ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، باشتىن-ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، باشتىن-ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك، پوزىتسىيەمنى كەسكىن، مەيدانىمنى قەتئىي، قەدىمىمنى بىردەك قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

    http://uy.ts.cn/system/2018/10/04/035401910.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى