ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

رەڭدار چىراغلار چاقنىغان كېچە، قىزغىن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 08- كۈنى 03:16   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئۈرۈمچى ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› باش تېمىسىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسىنىڭ تولۇق كۆرۈنۈشلۈك تەسۋىرىغەربىي چوڭكۆۋرۈك، قىزىلتاغ باغچىسىدا، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، خۇڭگۇاڭشەن تېغىدا، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تارماق رايونىدا... 10–ئاينىڭ 6–كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى بىر مەيدان كۆركەم باش تېمىلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئارقىلىق پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل–قىزلىرىنىڭ ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› دېگەن چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.ئورنى: قىزىلتاغ باغچىسىرەڭلەر دېڭىزىئەڭ ئاخىرقى كەچكى شەپەق نۇرى قىزىلتاغ مۇنارىنىڭ چوققىسىغا چۈشكەندە، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىر قانچە دەستە نۇر كېچە ئاسمىنىدا چاقنىدى. ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› دېگەن بەش چوڭ خەت قىزىلتاغ گەۋدىسىدە نامايان بولدى، ئاجايىپ كۆركەم چىراغ نۇرى پۈتۈن تاغ گەۋدىسىنى يورۇتتى، قىزىل، سېرىق، كۆك، يېشىل، بىنەپشە رەڭلەر... قىزىلتاغنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە رەڭلەر دېڭىزىغا ئايلاندۇردى.

    چىراغ نۇرى، ئاۋاز ئۈنۈمىنىڭ ماسلىشىشىدا، قىزىلتاغ بىلەن ئەتراپتىكى ئىمارەتلەردە ھەرىكەت بىلەن جىمجىتلىق بىرلەشكەن، ئېگىز بىلەن پاكار گىرەلىشىپ كەتكەن گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندى. ھەرخىل شەكىلدىكى چاڭگا چىراغ، دولقۇنسىمان چىراغ، پەلەمپەي چىراغ، شەكىل چىراغ قاتارلىقلارنىڭ نۇرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، يورۇش–خىرەلىشىش، رەڭ، شەكىللەر ئۆزگىرىش ئارقىلىق باغچە ئىچىدىكى يول يۈزىنى، پەلەمپەيلەرنى، كۆل سۈيىنى، شىپاڭ ۋە راۋاق قاتارلىقلارنى ئالاھىدە رەڭدار تۈسكە كىرگۈزۈپ، چىبى بېغىشلىمىسى، شەمشەرسىمان مۇنار، نەنخۇ چىراغ مەنزىرىسى، قەدىمىي راۋاقتىكى رەڭگارەڭ نۇر، پەلەمپەيدىكى خىيالىي چۈش، قىزىلتاغ كۆزى قاتارلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمە ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىپ، قىزىلتاغنىڭ باھاردا گۈللەر ئېچىلىدىغان، يازدا سۇدەك سالقىن بولىدىغان، كۈزدە يوپۇرماقلار ئوتقاشتەك كۆرۈنىدىغان، قىشتا قارلار لەپىلدەپ تۇرغان رومانتىكىلىققا تولغان ئاجايىپ مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلدى.

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ما چىڭمېي 75 ياشلىق ئاپىسى بىلەن بىللە تاغ چوققىسىغا چىقتى، ‹‹ئاپام دائىم زوقلانغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: 40 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قىزىلتاغ ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ئېگىز جاي ھېسابلىناتتى، ھازىر، بۇ ئېگىزلىكتىن ئېشىپ كەتكەن قاتار–قاتار ئېگىز بىنالار سېلىندى. دۆلىتىمىز قۇدرەت تېپىپ گۈللەنگەچكىلا بىزنىڭ بۈگۈنكى ياخشى كۈنلىرىمىز بولدى، بىز پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىشىمىز، ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك!››

                                       

    ئورنى: غەربىي چوڭكۆۋرۈك

    ئادەمنى مەستخۇش قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرە

    ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، غەربىي چوڭكۆۋرۈكتە رەڭدار چىراغلار چاقناپ، ئاپتوموبىللار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. يىراققا نەزەر سالغاندا، قىزىلتاغ گەۋدىسى، قىزىلتاغ يېڭى ئەسىر بىناسىنى ئاساس قىلغان رەڭدار چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى كىشىگە خىيالىي تۇيغۇ بېرەتتى. قىزىلتاغ يېڭى ئەسىر بىناسىنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى يورۇتۇلغان بولۇپ، شەھەرگە زامانىۋى تۈس قوشقانىدى، تېخىمۇ مۇھىمى، دۆلەت بايرىمىغا نۇرغۇن بايرام خۇشاللىقى كەيپىياتى بېغىشلاپ، كىشىنى مەستخۇش قىلاتتى.

    غەربىي چوڭكۆۋرۈككە كېلىپ سۈرەتكە چۈشىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، بەزىلەر ئۆزتارتقۇ تايىقىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزىنى كېچىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ سۈرەتكە چۈشتى؛ بەزىلەر ئۈچ پۇتلۇق جازىنى تىكلەپ، كامېرانى تۈن پەردىسى ئاستىدىكى گۈزەل چىراغ نۇرىغا توغرىلىدى؛ يەنە بەزىلەر ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى. يېقىن ئەتراپتا بىر جۈپ ياش تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈۋاتقان بولۇپ، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈپ بىر–بىرىگە چىڭ يېپىشقانىدى. بەختلىك، ئىناق، خۇشال كەيپىيات كېچىدىكى زامانىۋى ھېسسىياتقا تولغان چىراغ مەنزىرىسى بىلەن بىرلىشىپ، بىر پارچە گۈزەل، رەڭدار، نەپىس رەسىمنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

    ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم بىر مەھەللىنىڭ كادىرى گو پىنپىن تۇغقىنى تۇرسۇنگۈلنى بۇ يەرگە كېلىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە تەكلىپ قىلغانىدى. تۇرسۇنگۈل مۇنداق دېدى: ۋەتىنىمىز كۈندىن–كۈنگە گۈللەنمەكتە، تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلانماقتا. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئەڭ ياخشى تۇغقانلاردىن بولۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

 

    ئورنى: شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار

    ئادەم بىلەن مەنزىرىنىڭ بىرلىشىشى

    ‹‹شىنجاڭلىقلارنىڭ مېھمان كۈتۈش زالى›› دەپ تەرىپلىنىدىغان شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا گۇگۇم چۈشۈشكە ئەگىشىپ، يىپەك يولى كۆزىتىش مۇنارىنىڭ 80 مېتىر ئېگىزلىكتىكى گەۋدىسىنىڭ رەڭگى بايرام تەنتەنىسىدىكى جۇڭگو قىزىلىغا ئۆزگىرىپ، ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› دېگەن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئالتۇن رەڭلىك بەش خەت بارغانسېرى ئېنىق كۆرۈندى، ئەتراپتىكى بىنالارنىڭ رەڭگىمۇ قىزىل، سېرىق، كۆك قاتارلىق يەتتە خىل رەڭگە ئۆزگىرىپ، پۈتكۈل چوڭ بازارنىڭ مەنزىرىسىگە ئاجايىپ رەڭ بەردى. پىيادىلەر كوچىسىنىڭ مەركىزىي سەھنىسى، چوڭ بازار ھۈنەر–سەنئەت ئۆزگىچە پىيادىلەر كوچىسى، يېمەك–ئىچمەك كوچىسىدا ئادەملەر كۆپ ئىدى، ئادەملەر دېڭىزىدا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىمۇ، شىنجاڭنىڭ ئىچى–سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ، يەنە چەت ئەلدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرمۇ بار ئىدى، ئۇلار بەزىدە ناخشىغا جور بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشسە، بەزىدە توپلىشىپ رەسىمگە چۈشەتتى، گۈزەل تۇرمۇش ھەققىدە بەھۇزۇر پاراڭلىشاتتى، چىرايىدا خۇشاللىق تەبەسسۇمى جىلۋىلىنەتتى. كىشىلەر دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش خۇشاللىق كەيپىياتىغا چۆمۈلگەن، ھەممىلا يەردە ئىناق بەختىيار تۇرمۇش مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى.

    گۈزەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆزگەرتىلىپ قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى يەنە بىر قېتىم جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر شىنجاڭغا كەلگەندە چوقۇم بارىدىغان جايغا ئايلىنىپ، شەھەر، بازار، سودا ئەندىزىسىدىن مەدەنىيەت، ساياھەت، كەسىپ ھالىتىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىگە ئۆتۈشتەك تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، ساياھەتچىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، دۆلەت بايرىمىدىن ئىلگىرى ساياھەتچى ئەڭ كۆپ بولغاندا كۈنىگە 220مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشقان بولسا، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە 300 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى.

    ئورنى: خۇڭگۇاڭشەن مەنزىرە رايونى

    سۇ يۈزىدىكى نۇر كۆرگەزمىسى

    خۇڭگۇاڭشەن مەنزىرە رايونى لەنگۇاڭ كۆلىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە مۇزىكىلىق لازېر نۇر سۇ كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، فونتانلار ئېتىلىپ چىقىپ، بىر قات سۇ پەردىسىنى ھاسىل قىلدى. ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› دېگەن بەش چوڭ خەت لازېر نۇرىدا سۇ پەردىسىگە چۈشۈرۈلدى، چىراغ نۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، سۇ پەردىسىدە ھەرخىل رەڭلەر ئالمىشىپ، قىزىل، سېرىق، كۆك، يېشىل رەڭلەر چىراغ نۇرىدا كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى. مۇزىكىلىق فونتان خۇددى ھەسەن–ھۈسەندەك كېچە ئاسمىنىنى كېسىپ ئۆتۈپ، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى بىلەن يىراقتىن بېقىشىپ، كىشىلەرنى خۇددى زەڭگەر چۈش ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرەتتى. لازېر نۇرلۇق سۇ جىلۋىسى بىلەن يىراقتا تۇرۇپ ماسلىشىۋاتقىنى بولسا لەنگۇاڭ كۆلى ئوتتۇرىسىدىكى ئارالغا ئورنىتىلغان چوڭ چىراغ ساندۇقىنىڭ ئېكرانى ئىدى، ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› دېگەن كۆزنى چاقنىتىدىغان بەش چوڭ خەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىرغا يېقىن بولۇپ، كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇرلار كۆل يۈزىدە رەڭگارەڭ شولا ھاسىل قىلىپ، ئاجايىپ بايرام كەيپىياتى پەيدا قىلغانىدى.

    مەنزىرە رايونىنىڭ بىر بۇرجىكىدە، ناھايىتى چوڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستىدا ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› دېگەن خەتلەر يىمىن سارىيىنى يورۇتۇپ تۇراتتى، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى›› دېگەن خەتلەرنىڭ چىراغ نۇرلىرى يىمىن سارىيىنىڭ B نومۇرلۇق بىناسىنىڭ شىمالىي يۈزىدە نامايان بولدى، جەنۇبىي يۈزى بولسا ۋەتەنگە بەخت تىلەۋاتقان خۇش چىرايلار بىلەن لىق تولغانىدى.

    ئورنى: يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تارماق رايونى

    ‹‹ئېسىل سۈرەت››لەرنى تارتىش

    ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى ئىقتىساد–تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تارماق رايونىدا رەڭدار چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئېسىل باشلاندى.

    شىنجاڭ ساياھەت سارىيىLED چىراغلىرى بىلەن زىننەتلىنىپ، لەپىلدەپ تۇرغان قىپقىزىل بايراققا ئۆزگىرىپ، ‹‹مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو›› دېگەن بەش چوڭ خەت قىزىل بايراق بىلەن ئېنىق كۆرۈنۈپ كۆزلەرنى قاماشتۇردى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بىنا گەۋدىسىدىكى كۆرۈنۈش ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، رەڭگارەڭ ساليۇتلار، ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈۋاتقان كۇڭمىڭ پانۇسلىرى، ئۇچۇۋاتقان كېپىنەكلەر، پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان مودەنگۈل قاتارلىقلار بىر–بىرلەپ نامايان بولدى، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز››، ‹‹گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى›› قاتارلىق خەتلەر ئالمىشىپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

    شىنجاڭ ساياھەت سارىيىنىڭ ئۇدۇلىدا ھەممە يېرى يوپيورۇق ئۈرۈمچى ۋوگزالى بىلەن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى بىرى قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان يۇقىرى پەن–تېخنىكىلىق ئالەم بوشلۇقى بايراقدار كېمىسىگە، بىرى يەلكەن تارتىپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان غايەت زور ساياھەت پاراخوتىغا ئوخشىتىلغان بولۇپ، جەنۇب–شىمالدىن كېلىپ–كېتىۋاتقان يولۇچىلارنى كۈتۈۋالاتتى، ئۇزىتاتتى... ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ غەرب تەرىپىدىن تەخمىنەن بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچى جىڭكەي ۋەندا مەيدانىدىكى كۈچلۈك نۇرلار كۆزنى چاقنىتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تارماق رايونىدىكى چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى بىلەن يىراقتىن بىر–بىرىگە ماسلىشىپ تۇراتتى.

    ئالتە يىلدىن كۆپرەك تەرەققىيات ئارقىلىق، ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ ئەتراپى، پىلان لايىھەسىگە چۈشۈرۈلگەن چېرتيوژلار رەت–رەت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنا–سارايلارغا ئۆزگىرىپ، بىر پۇل مۇئامىلە، يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت ۋە مەدەنىيەت كەسپى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن شەھەر فۇنكسىيە يېڭى رايونى تەدرىجىي بەرپا قىلىندى. شۇ كېچىسى، كۆزنى چاقنىتىدىغان چىراغ نۇرىدا، بۇ يەردە تارتىلغان ھەر بىر پارچە سۈرەت ‹‹ئېسىل سۈرەت›› ئىدى.

    (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يې شياۋمىن، شيې خۇيبيەن، جاۋ چۈنخۇا، خېي خۇڭۋېي، ۋېي خۇڭپىڭ، ما يىنىڭ، ليۇ يى، لياڭ لىخۇا، گاۋ ۋا، مېھرىگۈل ناسىر، دۇڭ لياڭ، ۋاڭ يۇڭفېي يازغان)

    http://uy.ts.cn/system/2018/10/07/035403984.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى