ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 08- كۈنى 03:03   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    دۆلەت بايرىمىنى خۇشال–خۇرام ئۆتكۈزۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بەخت تىلەش

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى

    دىراما، ئەلنەغمە ئويۇنلىرى، بالىلار تىياتىرى، مۇزىكا بايرىمى، ھۆسنخەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى، قىزىل ناخشا مۇسابىقىسى، ناخشا–ئۇسسۇل كېچىلىكى... ‹‹1–ئۆكتەبىر›› مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئامما شاد–خۇراملىق ئىچىدە مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، دۆلەت بايرىمىنى خۇشال–خۇرام ئۆتكۈزۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بەخت تىلىدى.

    5–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ‹‹قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدەملىرى››دىن ئارىيە قويۇلدى، بۇ ئارىيە 9–ئاينىڭ 29–كۈنى ۋە 9–ئاينىڭ 30–كۈنى كەچتە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى تىياتىرخانىسىدا ئۇدا ئىككى مەيدان قويۇلدى. ‹‹ئانار قىزاردى››، ‹‹ئېگىزلىكتىكى ساز ئاۋازى››، ‹‹تارىم دەرياسى››، ‹‹مەدھىيە››، ‹‹ۋەتىنىم›› قاتارلىق قالتىس نومۇرلار كەينى–كەينىدىن ئورۇنلاندى. تاماشىبىن رازىيەم مۇنداق دېدى: نومۇرلار بەك ئېسىل، مەزمۇنى ناھايىتى مول بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق، رەڭدار، ھەرخىل تۇرمۇشىنى نامايان قىپتۇ. مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن. ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشمەن.

    9–ئاينىڭ 30–كۈنى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسى پىچان كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ھويلىسى قاينام–تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، قىرغىز كەنت ئاھالىلىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر–ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مەدەنىيەت پائالىيىتىگە قاتناشتى. كۆپچىلىك ئارقان تارتىشىش، چېلىشىش، تەپكۈچ تېپىش، قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىشقا بەس–بەستە قاتناشتى، نەق مەيدان كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولدى. پىچان كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مېھرىگۈل ئاسېك مۇنداق دېدى: پىچان كەنتى چارۋىچىلىق كەنتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى مۇقىم ئۆستى. شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى بىزنىڭ كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بىناسىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا ياردەم بەردى، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى، دېھقانلار ئائىلە كىتابخانىسى ۋە تورخانا قۇرۇپ بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى چۈشىنىش، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا قولايلىق ياراتتى. كەنت ئاھالىسى سىدىق خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت، تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلاپ بەردى، ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشمەن.

    10–ئاينىڭ 1–كۈنى، چىنچياڭ ئەلنەغمىسى ‹‹چىڭفېڭ شىپاڭى›› ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجۇڭ تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى. پۈتۈن تىياتىرغا ئاتا–ئانىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، گۈزەل ئاھاڭ ئارقىلىق تاماشىبىنلار جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى تىياتىر–ئەلنەغمىسىنىڭ سېھرىي كۈچىدىن تولۇق ھۇزۇرلاندى. تاماشىبىن يەن خانىم مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، چىنچياڭ ئەلنەغمىسى تىياتىر ئۆمىكى ئورۇنلىغان ئويۇننى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

    ئىككى كۈندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت سارىيى ‹‹دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋرنى مەدھىيەلەش››نى باش تېما قىلغان باڭشۇ ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. باڭشۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى خەت شەكلى چوڭراق بولۇپ، ‹‹گۈللىنىش››، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› قاتارلىق 100دىن ئارتۇق ئەسەر ئاممىغا باڭشۇنىڭ بەدىئىي گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى. ئاقسۇ شەھەرلىك 5 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 2 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەلدىيار ئەمەت مۇنداق دېدى: خەتتاتلىق بىزنىڭ جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، بۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ خەتتاتلىقنى ياخشى ئۆگىنىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىمەن ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىمەن.

    نەچچە كۈندىن بۇيان، ماناس ناھىيەسى قىزىل ناخشىلارنى ‹‹چاقنىتىش››، مىللىيچە ئۇسسۇلنى ‹‹چاقنىتىش››، زامانىۋى ئۇسسۇلنى ‹‹چاقنىتىش›› قاتارلىق كۆپ مەيدان ‹‹چاقنىتىش›› ئويۇنلىرىنى تەشكىللىدى. مۇزىكا ياڭرىشى بىلەنلا، چىرايلىق مىللىيچە كىيىملەرنى كىيگەن ياش ئوغۇل – قىزلار جۇڭخۇا بىيۈەن نازۇنېمەت كوچىسىغا جەم بولۇپ، قىزغىن دومبىرا مۇزىكىسىغا جور بولۇپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، دۆلەت بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. ‹‹چاقنىتىش›› پائالىيىتىگە قاتناشقان سەي شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: مەن بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئانا ۋەتىنىمگە بولغان مىننەتدارلىقىم ۋە تىلىكىمنى ئىپادىلەشنى ئۈمىد قىلىمەن.

    دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، قۇتۇبى ناھىيەلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۆزگىچە مەدەنىيەت سەنئەت كۆرگەزمىسى–ئويۇن قويۇش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. ئەلنەغمە تىياتىر ئارتىسلىرى ھەرمىللەت ئاممىغا كىلاسسىك مۇزىكا ‹‹لى يەنگۈينىڭ سۇ سېتىشى››دىن ئارىيەنى ئورۇنلاپ بەردى، تەلەپپۇزى توغرا، ئاھاڭى سىلىق كۈي، نەپىس گىرىم تاماشىبىنلارغا شىنجاڭ ئەلنەغمە تىياتىرىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. تاماشىبىن لى لىڭ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت سەنئەت كۆرگەزمىسى–ئويۇن قويۇش پائالىيىتى كىشىلەرگە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ مول، نەپىس، چوڭقۇر مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 69 يىل بولغان پەيتتە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن!

    بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي كۆرگەزمە قىلغان ‹‹نىيە. ئارخېئولوگىيە. ھېكايە جۇڭگو–ياپونىيە نىيە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشىنىڭ 30 يىللىق نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى›› ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇزېي كۆرگەزمە قىلغان ‹‹تىيانشان ئەتراپىدا تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، بىرلىكنى دەلىللەش خەن دەۋرىدە غەربىي دىيارغا تامغا تەقدىم قىلىش كۆرگەزمىسى››نىڭ ھەممىسى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 10–ئاينىڭ 6–كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت تىياتىرخانىسى ‹‹تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك <1–ئۆكتەبىر>نى تەبرىكلەش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش خور، مۇزىكا كېچىلىكى›› ئۆتكۈزىدىكەن.

    http://uy.ts.cn/system/2018/10/05/035402511.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى