ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

تىرىشىپ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەيلى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 08- كۈنى 02:56   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    ___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى تەكشۈرۈش تەتقىق قىلغانلىقى ھەم شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقىدىن خاتىرە

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىپايان زېمىنىدا، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە، بىر رايون توخۇنىڭ باش قىسمىدا بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا جايلاشقان.

    2018-يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمى ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە قايتا كېلىپ، ئېتىزلاردىكى كۈزلۈك ھوسۇلنى كۆردى، چاگەنخۇ كۆلىگىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تەكشۈردى، زاۋۇت، كان، سېخلارغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە باردى... تۆت كۈندە 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى ئايلىنىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تېمىنى چۆرىدەپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يول بويى بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلدى.

    شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش داۋان ئېشىپ، ئۆتكەلدىن ئۆتىدىغان مۇھىم ھالقىغا كەلگەن، سودا قورۇقچىلىقى ئىدىيەسى، يەر شارىلىشىشقا قارشى ئېقىم باش كۆتۈرۈۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بېكىتىلگەن ئورۇنلاشتۇرمىلارنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ياخشى ئىشلەشتەك يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

    «بۇ يەرگە كېلىشنى ئويلىغىلى بىر قانچە يىل بولدى.»

    9-ئاينىڭ 25-كۈنى، شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شەرقىي شىمالغا كېلىپ، ئالدى بىلەن خېيلۇڭجياڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جيەنسەنجياڭ باشقۇرۇش ئىدارىسىغا كېلىپ، ئېتىزغا كىرىپ، كۈزلۈك يىغىم ئەھۋالىنى كۆردى.

    كەچكى شەپەق نۇرى سەنجياڭ تۈزلەڭلىكىگە چۈشۈپ مول ھوسۇل تۈزلەڭلىكىنى ئالتۇن رەڭلىك دېڭىزغا ئايلاندۇردى. باش شۇجى بىپايان، چەكسىز شال ئېتىزىغا قاراپ ھاياجانلىق بىلەن: بۇ يەرنى كۆرۈپ قانمايمەن، كېيىن پۇرسەت بولسا يەنە كېلىمەن، دېدى.

    شى جىنپىڭ 1986-يىلى فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغاندا ئىلگىرى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنياڭ شەھىرى تيېشى رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەتتە قېتىم شەرقىي شىمالغا بېرىپ، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنى ئۈچ قېتىمدىن كۆزدىن كەچۈردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن تۆت قېتىم شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى.

    «مەن شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم». بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي شىمالنى كۆزدىن كەچۈرگەندە دائىم دەيدىغان سۆزى.باش شۇجى شەرقىي شىمال رايونىغا نېمىشقا بۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىدۇ؟

    9-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شېنياڭدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا، شى جىنپىڭ بۇنى يىغىنچاقلاپ مۇنداق دېدى: شەرقىي شىمال رايونى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك بازىسى، دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇملىقىغا مۇناسىۋەتلىك.

    شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرى يېڭى جۇڭگو سانائىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتكەن. لېكىن ئۇلار پىلانلىق ئىگىلىككە ئەڭ ئاۋۋال قەدەم قويۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا چېكىنىپ چىققاچقا، شەرقىي شىمالدا ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان تۈزۈم خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەت كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىر مەھەل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، ئىقتىسادىي ئورنى ئۈزلۈكسىز ئارقىغا چېكىندى.

    http://uyghur.people.com.cn/158504/15736284.html

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى