ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 10 - ئاينىڭ 08- كۈنى 02:53   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    لى كېچياڭ جېجياڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ھەمدە كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چې جۈن، ئۆلكە باشلىقى يۈەن جياجۈننىڭ ھەمراھلىقىدا جۇشەن، تەيجۇنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    لى كېچياڭ جۇشەنگە جايلاشقان جېجياڭ ئۆلكىلىك ئەركىن سودا سىناق رايونىغا كېلىپ، كارخانىنىڭ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشكە بولغان ئەمەلىي قارىشىنى ئىگىلىدى، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىۋاتقان بىرنەچچە ئاممىدىن ئىختىيارىي ھالدا، ھازىر ئىش بېجىرىشتە بۇرۇنقىغا قارىغاندا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە «ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ «كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش»تەك ياخشى تەجرىبىلەرنى يارىتىش لازىم. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن چەك بولسا كارخانىنى خىجىل قىلماي، ئاممىنى بىزار قىلماي، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلققە قولايلىق يارىتىشتىن ئىباەت.

    لى كېچياڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىش ئەھۋالىنى مەخسۇس ئىگىلىگەندە مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى يىغىش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئۆز ئالدىغا مەركەزلەشتۈرۈپ بىكار قىلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىش ئومۇمىي جەھەتتىن كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق.

    لى كېچياڭ تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان تەرەققىيات مۇھىتىنى يارىتىشنى ئىزچىل كۆڭلىدە ساقلاپ كەلدى. ئۇ كېمە بىلەن يۈشەن ئارىلىغا كېلىپ، بۇ يەردە قۇرۇلۇۋاتقان، پۇقراۋى كارخانىلار مەبلەغ سالغان ۋە پېيى كونترول قىلىنغان دۇنيا دەرىجىلىك چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال خىمىيە سانائىتى كەسىپ تۈرىنى تەكشۈردى. ئۇ كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەتكە، بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىش، خەلقئارالاشقان، يېشىل، خىمىيە سانائىتى بىر گەۋدىلەشكەن، مەملىكەت دەرىجىلىك زامانىۋى نېفىت خىمىيە سانائىتى بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چوڭ تۈرلەردىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىجازەت بوسۇغىسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش كېرەك، سىياسەت - تەدبىرلەر ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە مەدەت بېرىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش لازىم.

    لى كېچياڭ يەنە جۇشەن پورتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، پورت تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى پىلانىنى ئاڭلاپ، ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىدىن يەرلىك بىلەن بىللە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، بىر تۇتاش پىلانلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، جۇغراپىيە، رايون ئۈستۈنلۈكىنى كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى رىقابەت ئۈستۈنلۈكىگە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

    http://uyghur.people.com.cn/155988/15736285.html

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى