ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

بالىلارنى ئايروپىلانغا ئولتۇرغۇزغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 29- كۈنى 09:48   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

                       

 

   دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە بەزى ئائىلىلەر بالىلارنى بىللە ئېلىپ ساياھەتكە چىقىدۇ. ئۇنداقتا بالا كىچىك بولسىمۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرسا بولامدۇ؟ ئەگەر يىغلاپ جىدەل قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟

    ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش يېشى. بالىلارنى ئېلىپ ئائىلە بويىچە ساياھەت قىلغاندا، ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن بوۋاقلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش بەلگىلىمىسىنى بىلىشى كېرەك. ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىدە، تۇغۇلغىنىغا 14 كۈندىن ئاشقان، سالامەتلىكى ياخشى بوۋاقلار ئايروپىلانغا ئولتۇرسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بوۋاقلار تۇغۇلۇپ 6-4 ھەپتە بولغاندىن كېيىن ئايروپىلانغا ئولتۇرسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، بوۋاقلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشتىن ئىلگىرى سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ئىكەن.

    قۇلاق قىسمى بىئارام بولۇش. ئۇچۇش جەريانىدا بوۋاقلارنىڭ قۇلاق پەردىسىنى ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بوۋاقلارنىڭ قۇلاق پەردىسى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا نېپىز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇتقۇنچاق–ناغرا قانىلىنىڭ يېتىلىشىمۇ مۇكەممەل بولمىغاچقا، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بېسىمىمۇ كىچىك بولىدۇ. شۇڭا ئايروپىلاندا بوۋاقلارنىڭ قۇلاق قىسمىنىڭ بىئارام بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا سوسكا ئەمدۈرۈپ قويۇش ياكى سۈت بوتۇلكىسىدا قايناقسۇ بېرىش كېرەك. يېشى چوڭراق بالىلارغا ئۇششاق–چۈششەك يېمەكلىكلەرنى بەرسە بولىدۇ.

    بالا ئايروپىلاندا يىغلاپ جىدەل قىلسا. بالا ئۇزۇن ۋاقىت ئايروپىلاندا ئولتۇرغاندا زېرىكىش ھېس قىلىدۇ ياكى بەدىنى بىئارام بولۇپ يىغلاپ جېدەل قىلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئالدىنئالا بالىلىرى ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى تەييارلىۋېلىشى كېرەك. ساياھەت جەريانىدا يەيدىغان يېمەكلىكلەر. سۈت پاراشوكى ۋە باشقا بالىلار يېمەكلىكلىرى. كۆڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنچۇقلار. ئېيىقچاق، رەخت كىتاب دېگەندەك. ئاتا- ئانىلار ئويۇنچۇقلارنى بىراقلا بېرىۋېتىشتىن ساقلىنىشى، بىر خىلىنى ئويناپ زېرىككەندە يەنە بىر خىل ئويۇنچۇقنى بېرىشى كېرەك. گەپ قىلالايدىغان بالىلارغا ھېكايە ئېيتىپ بەرسىمۇ، ناخشا ئاڭلاتسىمۇ بولىدۇ.

    خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

    http://uy.ts.cn/system/2018/09/29/035397543.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى