ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

ئۆزۈمنى توغرىلاپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، تىرىشىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 29- كۈنى 04:23   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    كېرىيە ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم غەيرەت يۇنۇس

    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تارقىتىپ، قانۇن – نىزاملارنى كۆزگە ئىلماي، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى يولغا قويدى، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىدە تۈپتىن ياخشىلىنىش بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

    ھالبۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋەتەننى پارچىلاشتەك يامان غەرىزىدىن يانمىدى. مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى رەسمىي يوسۇندا شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمەنكى: مەن سەنلەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىمەن، ھەر مىللەت قېرىنداشلار سەنلەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىدۇ! سەنلەرنىڭ بىرلا يولۇڭ بار، ئۇ بولسىمۇ ھالاكەت. مەن ھەرقانداق كىشىنىڭ ۋەتەننى پارچىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمەن، كۇكۇم – تالقان بولۇپ كەتسەممۇ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن!

    تۈمەن چاقىرىملىق دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ، مىڭ گەز ئېگىزلىكتىكى دەرەخنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ. كومپارتىيە بولمىسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشىمىز بولمايتتى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي زەربە بېرىمەن. مەن سادىق قەلبىم، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم، كەسىپنى قەدىرلەش روھىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادەم بىلەن ئۆزۈمنى توغرىلاپ، ياخشى روھ يېتىلدۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۆرنەك، ئۈلگە قىلىپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مەيدانىمنى ئېنىق ئىپادىلەپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىمنى تاۋلاپ، ئىدىيەۋى روھىمنى پاكلاپ، چەكسىز ساداقەتمەنلىك بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

    مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى يوقىتىشنى مەسئۇلىيەت، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تازىلاشنى مەجبۇرىيەت دەپ بىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تارىخنى توغرا تونۇشقا ۋە ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا پائال يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمەن. يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىش ئارقىلىق، ئۆز تەسىر كۈچۈمنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈشكە، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇشقا يېتەكلەپ، تەربىيەلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن. تامچە سۇ تاشنى تېشىدىغان سەۋرچانلىق، ئېگىلمەس – سۇنماس قەيسەر ئىرادە بىلەن، تىرىشىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، دەۋر يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، بۇرچنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىمەن.

    http://uy.ts.cn/system/2018/09/28/035395861.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى