ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى تەيىنلىدى ۋە قالدۇردى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 29- كۈنى 03:55   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى تەيىنلىدى ۋە قالدۇردى:

    بىرىنچى، بيەن جيەنچياڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىۋىنېيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

    خۇاڭ ۋېينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىۋىنېيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

    ئىككىنچى، ما كېچىڭ(ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

    جاڭ جيەنمىننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

    ئۈچىنچى، چۈ شىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلگىيە پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

    ساۋ جۇڭمىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېلگىيە پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

    تۆتىنچى، شى جۇڭجۈننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋىيېننادىكى ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىك، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

    ۋاڭ چۈننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋىيېننادىكى ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللىكىگە، ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

    http://uy.ts.cn/system/2018/09/26/035393125.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى