ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مەملىكەت

جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ – يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرىنى زورايتىپ، تىرىشىپ كۈچلۈك يېتەكلەش كۈچى، تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى بەرپا قىلىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 29- كۈنى 03:54   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    شى جىنپىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇلغانلىقى ھەم يېڭى جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئىشلىرى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 60يىللىقىنى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى:

    جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ – يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرىنى زورايتىپ، تىرىشىپ كۈچلۈك يېتەكلەش كۈچى، تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى بەرپا قىلىش كېرەك

    تەبرىك خېتى

    مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇلغانلىقى ھەم جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئىشلىرى دۇنياغا كەلگەنلىكىگە 60 يىل بولغان پەيتتە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! مەركىزىي رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېلېۋىزىيە خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

    تېلېۋىزىيە ئىشلىرى پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 60 يىلدىن بۇيان، كەڭ تېلېۋىزىيە خىزمەتچىلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە جامائەت پىكرى يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

    مەركىزىي رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى تەشكىللەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، يولداشلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش، ئەۋزەللىكلەرنى توپلاش، بايلىقتىن ھەمبەھرىلىنىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئېسىل ئەسەرلەرنى كۈچەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، تاشقى تەشۋىقاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقنى مول مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، دۇنياغا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئەتراپلىق جۇڭگونى نامايان قىلدى.

    مەركىزىي رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېلېۋىزىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، رادىيو بىلەن تېلېۋىزىيەنى، ئىچكى تەشۋىقات بىلەن تاشقى تەشۋىقاتنى، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ – يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرىنى زورايتىپ، تىرىشىپ كۈچلۈك يېتەكلەش كۈچى، تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى بەرپا قىلىپ، خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

    شى جىنپىڭ

    2018 – يىلى 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى تېلېگراممىسى)

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر خۇ خاۋ). مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇلغانلىقى ھەم يېڭى جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئىشلىرى دۇنياغا كەلگەنلىكىگە 60 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلەپ، مەركىزىي رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېلېۋىزىيە خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

    شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېلېۋىزىيە ئىشلىرى پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 60 يىلدىن بۇيان، كەڭ تېلېۋىزىيە خىزمەتچىلىرى پارتىيە رەھبەرلىكىدە، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە جامائەت پىكرى يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەركىزىي رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى تەشكىللەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش، ئەۋزەللىكلەرنى توپلاش، بايلىقتىن ھەمبەھرىلىنىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئېسىل ئەسەرلەرنى كۈچەپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، تاشقى تەشۋىقاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، خەلقنى مول مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، دۇنياغا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئەتراپلىق جۇڭگونى نامايان قىلدى.

    شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تېلېۋىزىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، رادىيو بىلەن تېلېۋىزىيەنى، ئىچكى تەشۋىقات بىلەن تاشقى تەشۋىقاتنى، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭى تاراتقۇلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ – يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرىنى زورايتىپ، تىرىشىپ كۈچلۈك يېتەكلەش كۈچى، تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى بەرپا قىلىپ، خىزمەتلەردە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. (تەبرىك خېتىنىڭ تولۇق تېكىستى ئايرىم بېرىلدى)

    9 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزىي رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بېيجىڭدا خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى بۇرچ، ۋەزىپىلەرنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سۈپەت، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

    يىغىندا، مەركىزىي رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

    مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1958 – يىلى 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر 41 قانىلى بار، يىلىغا 329 مىڭ سائەت پىروگرامما كۆرسىتىدۇ، ئۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوللىنىدىغان ئالتە خىل تىلدا ئۈزۈلدۈرمەي سىرتقا تارقىتىدىغان تېلېۋىزىيە تاراتقۇسى. بۇ يىل 3 – ئايدا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى)، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ مەركىزىي رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قۇرۇلدى.

    http://uy.ts.cn/system/2018/09/27/035395142.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى