ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

تۇرمۇشتا بىز بايقىيالمىغان گۈزەللىكلەر

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 28- كۈنى 10:01   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

مۇتەللىپجان مۇھەممەد ئېلتەبىرخان

تۇرمۇش تۈرلۈك ئۇششاق تەپسىلاتلاردىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭغا گۈزەل نەقىشلەرنى سىزىش ياكى ئۇنداق قىلالماسلىق ئۆزىمىزگە باغلىق.

ناھايىتى چىرايلىق ۋە ئەدەپ – ئەخلاقلىق بىر قىز بار بولۇپ، ئۇنى قوغلىشىۋاتقان يىگىتلەر كۆپ ئىكەن، يىگىتلەر قىز ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىكەن. بىر كۈنى قىز ئاغرىپ قاپتۇ. يىگىتلەر بۇنى ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بىلىپ، بىر – بىرىدىن ئېسىل سوۋغاتلارنى ئېلىپ قىزنى يوقلاپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نامرات بىر يىگىتمۇ بار ئىكەن. شۇ ئارىدا قىز دورا ئىچمەكچى بوپتۇ، بۇ چاغدا يىگىتلەر پايپېتەك بولۇپ، ئېسىل ئىچىملىكلەرنى قىزغا سۇنۇشۇپتۇ. نامرات يىگىت بىر ئىستاكان قايناق سۇ ئېلىپ كەپتۇ – دە، سۇنىڭ قىزنىڭ لېۋىنى كۆيدۈرۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئىستاكاننى قولىغا يېقىپ بېقىپ، قىزىق ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئاندىن قىزغا بېرىپتۇ. بۇ ئىش قىزغا ھەقىقىي كۆيۈنۈشنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپتۇ. مانا مۇشۇ كىچىككىنە ئىش نامرات يىگىتنى تاغدەك ئىشلارنى قىلالايدىغان رەقىبلىرىدىن ئۈستۈن قىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، مېھىر – مۇھەببەت دەل ئاشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن باشلىنىدۇ.

ئانىمىزنىڭ بەدەنلىرىنى تۇتۇپ قويساق، ئۇنىڭ نېمىشقا مۈكچىيىپ، بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشىنىمىز، پۇتىنى يۇيۇپ قويساق، نېمە ئۈچۈن تاپانلىرىنىڭ چاك – چاك يېرىلغانلىقىنى بىلىمىز. ئاتىمىزنىڭ ئالقانلىرىنى سىلاپ باقساق، ئۇ قوللارنىڭ نېمە ئۈچۈن قاداق باسقانلىقىنى بىلىمىز. مانا بۇلار ھەممىمىز كۆرۈشكە تېگىشلىك، لېكىن سەل قارايدىغان گۈزەللىكلەر. ناۋادا يالغان بولسا، قېنى قايسىمىز ئانىمىزنىڭ بەدىنىنى تۇتۇپ، پۇت – قوللىرىنى يۇيۇپ، قايسىمىز ئاتىمىزنىڭ چاك – چاك يېرىلغان ئالقان ۋە قاداق قوللىرىنىڭ تارىخىي گۈزەللىكىنى ئاڭلىيالىدۇق؟

بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز قىلالايدىغان، ئەمما، قىلىشقا سەل قارايدىغان كىچىك ئىشلار. بىز ئۆزىمىزدىن بىرەر قېتىم بولسىمۇ ‹‹مەن نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلمىدىم؟›› دەپ سوراپ باقايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

http://uy.ts.cn/system/2017/10/10/035006708.shtml

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى