ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - ۋىلايەت ئوبلاستلار

ئاقسۇنىڭ باغ- ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش، سېتىلىش مىقدارى تەڭ ئاشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 26- كۈنى 05:07   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش

    مۇخبىرىمىز گې يوۋجۈن، گېزىتىمىزنىڭ ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ خۇڭۋېن خەۋەر قىلىدۇ: «شاڭخەيلىك سودىگەرلەر بۇ يىل 5- ئايدىلا كېلىپ، بېغىمىزدىكى نەشپۈتنىڭ ھەممىسىنى كىلوگىرامىنى بەش يۈەندىن سېتىۋېلىشنى كېلىشكەنىدى». زاكازلىق سېتىۋېلىشنىڭ پايدىسىدا، بۇ يىل ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسى يۇقارقى كۆكباش كەنتىدىكى باغۋەن ئېلزات ھەسەننىڭ نەشپۈتلىرى شاڭخەيگە يۆتكەپ سېتىشقا تەييارلاندى. ھازىر نەشپۈتلەر پىشىپ، دەرىجىگە ئايرىلىپ، يەشىككە قاچىلاندى، مۇشۇ بىر تۈردىلا ئېلزات ھەسەن ئائىلىسىدىكىلەر 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايدۇ.

    9- ئاي كىرىشى بىلەن، ئاقسۇنىڭ ئالما، نەشپۈت قاتارلىق خاس باغ- ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەينى- كەينىدىن پىشتى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش مۇلازىمەت ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ خۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سۈپىتى ياخشى بولغانلىقتىن، ئاقسۇنىڭ باغ- ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

    ئاقسۇ ۋىلايىتى باغ- ئورمانچىلىق چوڭ رايونى، بۇ يىل مېۋە بەرگەن باغ- ئورمان كۆلىمى 4 مىليون موغا يېقىن بولۇپ، باغ- ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ چىلان، ياڭاق، ئالما، نەشپۈتلىرى ئەڭ داڭلىق. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل ۋىلايەتنىڭ باغ- ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 2 مىليون 350 مىڭ توننىغا، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 13 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى يېشىل تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باغ- ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يېشىل باغ- ئورمانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتتى، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىلمىي چاتاش، يېشىل ئوغۇتلاش، يېشىل دورىلاش قاتارلىق ئىنچىكە ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، مېۋىلىك باغلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش ئومۇملاشتۇرۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، باغ- ئورمان كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

    بۇلتۇردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى «ئون شەھەر، 100 دۇكان» سېتىش تورى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئەزا بولۇش، ھوقۇق بېرىش ئۇسۇلى، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئاساسلىق زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرىدا مەخسۇس پوكەي تەسىس قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشى ۋە مېۋە- چېۋىنى سىرتقا سېتىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، باغ- ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلارغا ساتتى.

    تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئاقسۇ ۋىلايىتى 1 مىليون توننىدىن ئارتۇق خاس باغ- ئورمانچىلىق مەھسۇلاتىغا زاكاز ئىمزالىغان. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شيا خۇڭۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل باغ- ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن يۇقىرى بولدى، ھەر كىلوگىرام كۆك ياڭاقنىڭ ئېتىز بېشىدىكى سېتىلىش باھاسى 3.5 يۈەن ئەتراپىدا، ئالمىنىڭ ئېتىز بېشىدىكى سېتىلىش باھاسى 4.5 يۈەن ئەتراپىدا، نەشپۈتنىڭ ئېتىز بېشىدىكى سېتىلىش باھاسى 3.3 يۈەندىن 7.5 يۈەنگىچە بولۇپ، باغ- ئورمانچىلىق يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى. مېۋە- چېۋىلەرنىڭ سېتىپ چىقىرىلىشىغا، ياخشى سېتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز بازار ئېچىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، باغۋەنلەرنىڭ مەھسۇلاتنى ھەم كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز.

    http://uyghur.xjdaily.com/47/61602.html

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى