ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - ۋىلايەت ئوبلاستلار

مەنزىرە گۈزەللەشتى، يۇرتداشلار شادلىققا چۆمدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 26- كۈنى 05:06   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا

    9- ئاينىڭ 22- كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسىدىكى قاناس مەنزىرە رايونىغا تۇتىشىدىغان تاشيولنىڭ بىر تەرىپىدىكى «لەززەت ئۆتىڭى» دەپ ئاتىلىدىغان مېۋە- چېۋە بازىرى يول بويىدىكى جەلپكار مەنزىرىگە ئايلانغانىدى. يولدىن ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ساياھەت ئاپتوموبىللىرى بۇ يەرگە كەلگەندە، نۇرغۇن ساياھەتچى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ مېۋە- چېۋىلەرنى تېتىپ كۆرەتتى. قاتار كەتكەن 30 مېۋە- چېۋە دۇكىنىنىڭ ئالدى مېۋە- چېۋە يەۋاتقان، جىڭلىتىۋاتقان، ئاپتوموبىلغا قاچىلاۋاتقان كىشىلەر بىلەن تولغانىدى.

    «تۇنجى قېتىم يېيىشىم، بەك تاتلىقكەن، بايىلا دۇكان خوجايىنىنىڭ ئۈندىدارىنى قوشۇۋالدىم، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىمنىڭ تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن تېز يوللانما ئارقىلىق نەچچە يەشىك ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتىمەن» دېدى بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى شۈ خانىم. بازاردىكى تىجارەتچى ياۋ جۈشياڭ ئۇستىلىق بىلەن قوغۇن تىلىۋاتقان بولۇپ، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇراتتى. ئۇ ئەسلىدە يەر تېرىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بۇلتۇر «لەززەت ئۆتىڭى»گە كېلىپ قوغۇن، ئەلا سۈپەتلىك ھەسەل، ئورگانىك مېۋە- چېۋە، كۆكتات قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ساتتى. ئۇ شۇ جايدا تېرىلىدىغان «قاناس قوغۇنى»نى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: بۇ يىل ساياھەتچىلەر بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، سودىمىزمۇ كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، كىرىمىمىز نەچچە قاتلاندى، بۇ يىل ئاز دېگەندىمۇ نەچچە ئون مىڭ يۈەن تاپالايمەن، دېدى.

    مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ داۋاملىق رول ئوينىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئالتۇن مەزگىلگە كىرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى، بارغانسېرى كۆپ دېھقان- چارۋىچى ئىشىكى ئالدىدىلا «ساياھەتچىلىكتىن نان تېپىپ يېدى». بۇرچىن ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يې سۇچىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىرغا قەدەر، بۇرچىن ناھىيەسى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 تىن كۆپرەك ئاشقان. ساياھەتنىڭ جانلىنىشى نۇرغۇن مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئىش ئورنى يارىتىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى قاتارلىقلارنى سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ مۇقىم ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ رۇڭ مۇنداق دېدى: مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىر مۇھىم تەدبىرى سۈپىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت يىرىك پىلانى(2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)»نى ئېلان قىلىپ، ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىدى. ئاپتونوم رايونىمىز 2018- يىللىق كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى، مېھمانخانا، يېمەك- ئىچمەك، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سەھرا ساياھەتچىلىكى، ساياھەت كىچىك، مىكرو ئىگىلىكى يارىتىش قاتارلىق «يەتتە بىر تۈركۈم» يولى ئارقىلىق، يېڭىدىن 10 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئىش ئورنىنى پائال ئېچىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئەمگەك ساپاسى بويىچە تەربىيەلەش، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، «ساياھەت تۈرى + ئىگىلىك تىكلەش» بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقىغا ئايلاندۇردى.

    ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىنى ياۋ جۈشياڭغا ئوخشاش ئەمەلىي پايدىدىن بەھرىلەندۈردى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئامما ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى ۋە يەرلىك خاس مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، قارىشىنى ئۆزگەرتتى، كىرىمىنى ئاشۇردى. 29 ياشلىق مۇختەر ئەلى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسىنىڭ ئاقتوقاي كەنتىدىكى نامرات ئاھالە، بۇ يىل ئۇچتۇرپان ناھىيەسى توققۇز بۇلاق دەرياسى مەنزىرە بەلبېغى قۇرۇلۇشى تۈرى تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ يەردە ساياھەت ئاپتوموبىلى شوپۇرى بولۇپ، ئېيىغا نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى. بۇ ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، مۇختەرگە ئوخشاش 22 نامرات ئاھالە ئىشقا ئورۇنلاشتى. مۇختەر خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇش يۇرتۇمنى گۈزەللەشتۈردى، بىزنىمۇ مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشتۈردى، ئۇزاققا قالمايلا، مەنمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن.

    ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، سەھرا ئېكولوگىيە ساياھىتى، يېزا ئىگىلىك تاماشا ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، نامرات ئاممىنى ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىمىز. 8- ئايغىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى جەمئىي 357 مىڭ ئادەم(قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.7 ئاشتى، ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 42 مىليون 840 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.6 ئاشتى. ناھىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنىڭ «ساياھەتچىلىكنىڭ نېنىنى يەپ»، «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى.

    http://uyghur.xjdaily.com/47/61639.html

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى