ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ھەرقانداق ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇش، ھەرقانداق ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 26- كۈنى 02:42   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىرتەرەپ قىلىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى

    مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، 4- نۆۋەتلىك كۆزىتىشتە بايقالغان مەسىلە يىپ ئۇچى ۋە مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى بايقىغان دېلولاردىكى دېلو يىپ ئۇچىنى يۈزتۇرا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، بىسىمنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يىپ ئۇچىنىڭ دەل جايىدا بىر تەرەپ قىلىنىشى، كۆزىتىش نەتىجىسىنىڭ ئۈنۈملۈك قوللىنىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشتە چوقۇم ياخشى يۈگۈرۈشتىكى «تۇنجى كالتەك». پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەم- كوتسىز ھالدا «ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمەت قائىدىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»گە ئاساسەن، مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى چىڭ، ئەمەلىي تۇتۇشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش ئىشخانىسى، ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان مەسىلە يىپ ئۇچىغا بىرمۇ بىر بېجىرىش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، بېجىرىش ۋاقتىنى ئېنىق بېكىتىپ، بېجىرىش(ئىش) مۇددىتىنى تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ، لايىھە بويىچە ئىش قىلىشى؛ مەسىلە يىپ ئۇچىنى بېجىرىش ئەھۋالىدىن قەرەللىك قايتما ئىنكاس قايتۇرۇش، ئالاقىلىشىش، ماسلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمى ۋە كوللېكتىپ تەتقىق قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خالىغانچە تەدبىر بەلگىلەش، مەسىلە يىپ ئۇچىنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىشقا يول قويماسلىقى كېرەك. كۆزىتىشتە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىرمۇ بىر ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، چۈشىنىپ، مەسىلىنىڭ خاراكتېرىنى ئايرىپ، تۈرلەرگە ئايرىپ كونكرېت بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلە يىپ ئۇچىنى تۈرگە ئايرىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ناھايىتى ئېھتىياتچان، توغرا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇش، ھەرقانداق ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

    http://uy.ts.cn/system/2018/09/25/035392098.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى