ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 25- كۈنى 04:21   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق دېھقانچىلىق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شاۋكەت ئابلىمىت

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاش غەرىزىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بەزى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز–بۇرۇن يالاشتى، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىلىرى بولۇپ، زىيىنى تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدۇ، تېخىمۇ ئېغىر، ئۇلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

    پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شۇنى چوڭقۇر بىلىپ يەتتىمكى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايتتى. مەن قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

    پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، ۋەتەنگە سادىق بولۇش، خەلققە سادىق بولۇش خىسلىتىمنى مەڭگۈ ساقلايمەن. ئالاھىدە سىياسىي سىناق ئالدىدا، بايراقنى كۆتۈرۈپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ھەربىر پارتىيەلىك كادىر جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سىياسىي سوئالغا ياخشى جاۋاب بېرىمەن.

    يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى باشتىن–ئاخىر قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقەتمەنلىك ساداسىنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشتىكى ھەققانىيەت ساداسىنى ياڭرىتىمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، نەمۇنە بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، گۈزەل يۇرت–ماكانىمىزنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

    مەن مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ھەرۋاقىت ئۆزۈمنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولىغا ئايلىنىپ قېلىش سەۋەبىنىڭ ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ ئۇلارنىڭ كاللىسىنى چىرىتىپ، ئۇلاردىكى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يوقاتقانلىقىدىن بولغانلىقىنى ئېنىق سۆزلەيمەن. ئىدىيە قاتلىمىدىكى مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم››نىڭ زەھىرىنى پاكىز تازىلاش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ھادىسىدىن ھالقىپ ھەقىقەت بىلەن سەپسەتىنى پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئەكسىيەتچىللىكى، دىنىي جەھەتتىكى ساختىلىقى، ئۇسۇل جەھەتتىكى ئالدامچىلىقىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە يېتەكلەيمەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمەن.

    http://uy.ts.cn/system/2018/09/24/035391216.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى