ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

بايرىقىم روشەن ھالدا بارلىق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 25- كۈنى 04:18   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى كەسپىي بىخەتەرلىك، ساغلاملىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى ئوسمان قاسىم

    پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار. مەن باشتىن–ئاخىر شۇنداق قارايمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى بولمايتتى، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزمۇ بولمايتتى، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم، ئىلگىرىلىشىم تېخىمۇ بولمايتتى. مەيلى قاچان، قەيەردە بولاي، مەن باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ۋەتەنگە تولۇپ تاشقان ساداقىتىمنى بىلدۈرۈپ كەلدىم، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە چەكسىز قىزغىن مۇھەببەت باغلىدىم. مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەسسىلەپ تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى زىممەمگە ئالىمەن.

    مەن ئاڭلىق ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زەربىدار، ئۈلگە بولىمەن. نۆۋەتتە شىنجاڭ يەنىلا ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ئۇلارنىڭ قىلمىش – ئەتمىشلىرى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيلىقى، ئادىللىقى ۋە ئەخلاق–پەزىلىتىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى قىلمىش، قەتئىي تاقەت قىلىپ تۇرۇشقا بولمايدىغان جىنايى قىلمىش بولۇپ، جەزمەن قاتتىق جازالاش كېرەك.

    مەن سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق بەرپا قىلىمەن.

    مەن ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن، ئائىلەمدىكىلەر، ئۇرۇق–تۇغقانلىرىم، دوست–بۇرادەرلىرىم ۋە ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا بارلىق بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

    مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلساقلا، ۋەتەننى پارچىلاشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزۈشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان ھەر قانداق سۇيىقەست چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ.

    http://uy.ts.cn/system/2018/09/22/035389844.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى