ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى

جۇڭچيۇ بايرىمىدا ئاي تېخىمۇ تولدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 25- كۈنى 04:04   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسىدىكىلەر ئائىلىگە، دۆلەتكە بولغان مۇھەببىتىنى بايان قىلىشتى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۈنخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ۋېن بو، پەن يەنچىن

    جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاي باشقىچە تولۇپ، ئالاھىدە ئىللىق كۆرۈنەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇلىرىدا ئاكا–ئۇكا، ئاچا–سىڭىللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى خۇشال–خۇرام ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ مېھىر–شەپقىتىنى ئەسلىدى، شۇنداقلا ئەڭ گۈزەل تىلەكلەرنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بېغىشلىدى.

    9–ئاينىڭ 20–كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى مىنشىن ئولتۇراق رايونىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسىدا بىر مەيدان بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ئۇزۇن ئۈستەلگە يۆبىڭ، ساڭزا ۋە ھەر خىل مېۋىلەر تىزىلغانىدى. ئاھالە ئاتىكەم ئاچىسى فېڭ يەنشياڭ بىلەن كۆرۈشۈپلا قۇچاقلىشىپ كەتتى. ‹‹تۇنجى قېتىم ئاچام ئەكىلىپ بەرگەن ئويۇن قويۇش كىيىمىنى كىيگىنىم، تۇنجى قېتىم ئاچامنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن ئاخىرقى رەتتىن بىرىنچى رەتكە كېلىپ تۇرغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە...›› ئاتىكەم ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىمىلەرنى ئەسلىدى، ئۈچ يىلدىن بۇيان، فېڭ يەنشياڭنىڭ ياردىمىدە، ئىلگىرى گەپ قىلسىمۇ خىجىل بولىدىغان ئاتىكەم ھازىر مەھەللە خور ئۆمىكىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسىغا ئايلاندى. چاغان، دۈەنۋۇ بايرىمى، قۇربان ھېيت... ھەر بىر بايرامدا، بۇ چوڭ قورۇ باشقىچە قاينام–تاشقىنلىققا چۆمىدۇ، مەھەللىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىدە ئاتىكەم بىلەن فېڭ يەنشياڭنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.‹‹<ئىسمىڭىزنى دېمىسىڭىزمۇ، بىز قول ئېلىشساقلا ئاكا–ئۇكا بولىمىز>، بۇ، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان <بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك تۇغقان بولۇش> دېگەن ناخشا. ۋەتەن بىزنىڭ چوڭ ئائىلىمىز، ھەر بىرىمىز بۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مول ۋە چوڭقۇر، ئۇ، بىز ھەر مىللەت ئوغۇل–قىزلاردىن ۋارىسلىق قىلىپ ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. كۆپچىلىك بىرلىكتە ئىتتىپاقلاشساقلا، كۈچ تېخىمۇ زورىيىدۇ، بىزنىڭ يۇرتىمىز، بىزنىڭ ۋەتىنىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ››. ئاتىكەمنىڭ ئوچۇق قىزىل رەڭلىك چاپىنى ئۇنىڭغا بەكمۇ ياراشقانىدى.

    ئائىلە ئەڭ كىچىك دۆلەت، دۆلەتتە مىليونلىغان ئائىلە بولىدۇ، قۇدرەتلىك دۆلەت بولغاندىلا، باياشات ئائىلە بولىدۇ. بايرام يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇلىرى خۇشال، ئىناق كەيپىياتقا چۆمۈلۈپلا قالماي، پارتىيەگە بولغان قويۇق مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغىمۇ تولغانىدى.

    ‹‹ئەجدىھا ئەۋلادى››، ‹‹ يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى››، ‹‹بۈيۈك جۇڭگو››... 9–ئاينىڭ 21–كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونى 1–ئىيۇل توقۇمىچىلىق زاۋۇتى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى جۇڭتەي مەھەللىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسىدىكى ئاھالىلەر مول مەزمۇنلۇق جۇڭچيۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات–سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى. ‹‹بىزنىڭ بۈيۈك جۇڭگو، چوڭ بىر ئائىلە...››. ساغلام–بۇدرۇق كىچىك دوستلار سەھنىدە ئىنتايىن ئوماق كۆرۈنەتتى، سەھنە ئاستىدا ئولتۇرغان ئاتىكەم مىجىتنىڭ كۈلكىدىن كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتتى، بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئاتىكەمنىڭ ئېرى ئاغرىپ قېلىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق كۆرۈلگەندە، ئۇ غەمدىن ئۇخلىيالمىغانىدى. ھازىر ئۇ يوپيورۇق ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، يەنە مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئىلتىماس قىلدى، ئۇ تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئۈمىدكە تولدى.

    ئاتىكەم بىزگە: ھازىر كېسەل كۆرسىتىپ، كېسەلخانىدا ياتساق ئاتچوت قىلدۇرالايمىز، پار پۇلىنىمۇ ئاتچوت قىلدۇرالايمىز، بىر يىللىق ئۆي ئىجارە ھەققى 900 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا ئوخشاش قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى، دېدى. مەھەللە كادىرلىرى ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى دائىم ئائىلە زىيارىتى قىلىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، ئاتىكەم ھەر ۋاقىت پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ تونۇدى.

    ‹‹بىز ئەزەلدىن بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا بىر–بىرىنى ھۆرمەتلىشى، بىر–بىرىگە كۆيۈنۈشى، بىر–بىرىگە ياردەم بېرىشى كېرەك››. چىنىدىكى ئەتكەنچاينىڭ مەززىلىك ھىدى دىماقلارغا ئۇرۇلاتتى، ئالما دەرىخى مول مېۋە بەرگەنىدى. ئوخشاش بىر كۈندە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 600 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چۆچەك شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر مەھەللە باشقارمىسى قارا دۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى راخماننىڭ كىچىك قورۇسىدا، شوخ ئاككوردىيون ئاۋازى ياڭرىماقتا ئىدى. تەكلىپكە بىنائەن كەلگەن مەھەللە كادىرلىرى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە راخماننىڭ قولۇم–قوشنىلىرى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىرلىكتە خۇشال–خۇرام ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.

    ئالما دەرىخى ئاستىدا، راخماننىڭ كونا قوشنىسى ئابلىمىت ئاككوردىيون چالماقتا ئىدى، كۆپچىلىك بىر تەرەپتىن يۆبىڭ يېگەچ، بىر تەرەپتىن مەھەللىنىڭ بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشماقتا ئىدى، قورۇدىن پات–پات كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ‹‹ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغىچە تۇتاشتى، ھەممە كوچىدا كوچا چىراغلىرى بار بولدى››، ‹‹ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش بەك ياخشى، بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇشىغىمۇ پۇل خەجلىمەيدىغان بولدۇق››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پائالىيىتى جانلىق ۋە تەسىرلىك ئېلىپ بېرىلدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قاتنىشىشقا ئامراق››...

    ‹‹بۇ بىرنەچچە يىلدا، پارتىيەنىڭ سىياسىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، بىز ناخشا ئېيتىپ تەبرىكلەيلى!›› راخماننىڭ قوشنىسى ليۇ شياۋرۇڭنىڭ تەكلىپىگە ھەممەيلەن قوشۇلدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى›› دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، يېقىملىق ناخشا ئاۋازى كىچىك قورۇدىن يىراقلارغا تارقالدى...

    http://uy.ts.cn/system/2018/09/24/035391214.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى