ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 25- كۈنى 04:00   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى:

    ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ‹‹ئىككى بايرام››نى پاك ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. 2018–يىللىق جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئىستىلنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بايرامنى پاك ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بايرام تۈسى يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىرىنچى، ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار بايرام ئالدىدا بىر قېتىم ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مەركەزلىك تەشكىللەپ، يېقىنقى مەزگىلدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ تىپىك مەسىلىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاشكارىلىغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش، بېرىشكە ئائىت ئالتە تىپىك مەسىلە توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەلەپلەرگە سېلىشتۇرۇپ ‹‹ئۆزىنى تەكشۈرۈپ››، دېلو مىساللىرىغا سېلىشتۇرۇپ ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.

    ئىككىنچى، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئامما نازارەت قىلىش، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پاش قىلىش تېلېفونى، تور بېكىتى، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، ھەر چاغ، ھەر جايدا نازارەت قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالدۇرماسلىقى كېرەك. ئامما ۋە تاراتقۇلار توردا ئىنكاس قىلغان، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۈزبەرگەن ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىگە ئائىت يىپ ئۇچلىرى، مۇھىم جامائەت پىكرىنى دەرھال تەكشۈرۈپ دەلىللەش، بىر تەرەپ قىلىش، تاقابىل تۇرۇشقا تەشكىللىشى ھەم ئالاقىدار ئەھۋالنى دەرھال ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

    ئۈچىنچى، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. بايرام مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئاشكارا–يوشۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنى داۋاملىق تەشكىللەپ، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز بېسىم يەتكۈزۈپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلايدۇ. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ئورۇن، نۇقتىلىق ساھە، ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇشى، بولۇپمۇ يۆبىڭ، ھاراق–تاماكا ۋە مال سېتىۋېلىش كارتىسى (بېلىتى) قوبۇل قىلىش–بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، قائىدە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈش، زەربىدارلىق بىلەن تەكشۈرۈش، تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

    تۆتىنچى، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى قانچە ئارقىغا بارغانسېرى تەلەپنى شۇنچە قاتتىق قويۇش، ئىنتىزامنى شۇنچە چىڭىتىش سىگنالىنى ھەقىقىي يەتكۈزۈپ، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى بىردەك قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق بويىچە قاتتىق بىرتەرەپ قىلىشى؛ قايتا–قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەرگە ئېغىرلىتىپ ئىنتىزام جازاسى بېرىپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك ھەيۋە شەكىللەندۈرۈپ، ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش››تە چىڭ تۇرۇپ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىغان، قىلما دېگەننى قىلغان، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلارغا قارىتا، ھەم ئالاقىدارلارنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىشى، ھەم پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

    پاش قىلىش خەت ساندۇقى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئەرزىيەت ئىشخانىسى.

    پاش قىلىش تور ئادرېسى: www.xjjw.gov.cn (‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنى نازارەت قىلىش، پاش قىلىش، ئاشكارىلاش مەخسۇس رايونى››نى چېكىپ پاش قىلىشقا بولىدۇ)، ‹‹شىنجاڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش›› ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا كىرىپ پاش قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

    بايرام مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى ھەر كۈنى مەخسۇس نۆۋەتچى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، پاش قىلىشنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىدۇ. نۆۋەتچىلىك ۋاقتى: ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 30: 10 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 30: 19 غىچە، نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 2382543–0991

    http://uy.ts.cn/system/2018/09/24/035390940.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى