ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 25- كۈنى 03:54   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ——باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىليونلىغان دېھقاننىڭ مول ھوسۇل بايرىمىغا بىلدۈرگەن تىلىكى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ، روھىنى ئۇرغۇتقانلىقى توغرىسىدا

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى 9–ئاينىڭ 23–كۈنى كۈزلۈك كۈن–تۈن تەڭلەشكەن كۈندە، جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە مىليونلىغان دېھقان شوخ ناخشىلىرى، كۈلكە–چاقچاقلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بايرىمى تۇنجى جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە تەبرىكلىدى. ئەتىياز، كۈزنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، تەر ئاققۇزۇش بەدىلىگە كەلگەن ئەمگەك مېۋىسىدىن راھەتلەنگەن كىشىلەر مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەنىدى.

    دېھقانچىلىق جاھاندىكى ئۇلۇغ ئىش. 9–ئاينىڭ 22–كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىليونلىغان دېھقانغا بايراملىق سالام يوللاپ ۋە ياخشى تىلىكىنى بىلدۈرۈپ، كەڭ دېھقانلار، ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا ئىگىلىك خىزمەتچىلىرىگە زور مەدەت ۋە ئىلھام بەردى.

    خۇنەن ئۆلكىسى يىياڭ شەھىرى تاۋجياڭ ناھىيەسى سۇڭمۇتاڭ بازىرى 1–ئاۋغۇست دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىسى ۋاڭ جىچياڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىلىكىدىن بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىستىقبالى ناھايىتى گۈزەل، يېزىلارنىڭ قوينى ناھايىتى كەڭ، دېھقانلارنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ ئۈمىدكە تولدى!

    9–ئاينىڭ 23–كۈنى سەھەردە، ۋاڭ جىچياڭ دالىدا بېقىلىدىغان 450 چوشقىسىنى قوتاندىن تاغقا يايلىتىشقا قويۇۋەتتى. كېچىچە كۈز يامغۇرى ياغقاچقا، ئورمانلىقنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ساپ ئىدى. چوشقىلار بۈك–باراقسان چاتقاللىقتا گاھى كۆرۈنۈپ، گاھى كۆرۈنمەيتتى. ئۇزاق ئۆتمەي، يىياڭ، چاڭشا قاتارلىق جايلاردىن ساياھەتچىلەر كەلدى، بۇنىڭ بىلەن جىمجىت تاغ ئورمانلىقى قىزىپ كەتتى. بۇ دەل جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى بولغاچقا، ساياھەتچىلەر ئېگىز تاغدا يايلىتىپ بېقىلغان چوشقىنىڭ گۆشىنى يېيىش ئۈچۈن يىراقلاردىن كەلگەنىدى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، باشقىلارنىڭ چوشقىلارنى سېتىشى تەس بولۇۋاتقان ئەھۋالدىمۇ، ۋاڭ جىچياڭنىڭ چوشقىلىرىنى خېرىدارلار تىرىك پېتىلا زاكاز قىلىپ ئېلىپ كېتىشتى.

    خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن شەھىرى جېڭياڭ ناھىيەسى قىزىلبايراق تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جاڭ چېڭ خاسىڭ ئېتىزلىقىدا ھوسۇل ئەھۋالىنى كۆزىتىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: خاسىڭ ئارقا–ئارقىدىن يىغىۋېلىندى. بۇ يىل راسا ئوخشىغاچقا، ھوسۇلى ناھايىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولدى! دېھقانلار ھەر يىلى مول ھوسۇل ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، شۇڭا جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى تەسىس قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى!

    جاڭ چېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى، يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ ئاساسنى پۇختىلاش خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنىڭ ئاساسى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئىش، دەپ كۆرسەتتى. بۇ سۆز ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلىپ، مېنى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى.

    جاڭ چېڭ باشقۇرۇۋاتقان ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ يىل 30 مىڭ مودىن كۆپرەك خاسىڭ ئېتىزىنى ۋاكالىتەن پەرۋىش قىلدى، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ھەمكارلىق كوپىراتىپى كەنت بىلەن كېيىنكى پەسىللىك ۋاكالىتەن پەرۋىش قىلىش توختامى ئىمزالىدى، ۋاكالىتەن پەرۋىش قىلىنىدىغان بۇغدايلىق كۆلىمىنىڭ 200 مىڭ مودىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

    بۇ كۈنى، مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلەش شادلىقىغا چۆمگەنلەردىن يەنە خۇبېي ئۆلكىسى سۈيشيەن ناھىيەسى خۇەيخې بازىرىنىڭ گاۋجۇاڭ كەنتىدىكى چېن گوجۇڭمۇ بار. شۇ جايدىكى مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ئۇ بىر مەيدان يېزا مەدەنىيىتى كاتتا مەرىكىسىدىن ھۇزۇر ئالدى.

    ‹‹ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ راسا قىزىتتۇق، ھەممىسى بىز دېھقانلار ئۆزىمىز تەييارلىغان نومۇرلار، ھەقىقەتەن بايرام كەيپىياتىغا چۆمدۇق!›› چېن گوجۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بايراملىق تىلىكى دېھقانلارغا زور مەدەت ۋە ئىلھام بەردى. ئۆزىمىزنىڭ بايرىمى بار بولدى، تېخىمۇ مول مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ئېرىشتۇق، بىز دېھقانلارنىڭ غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.

    بۇ كەنتتىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان نۇرغۇن يۇرتداش يۇرتىغا قايتىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى، ئورغاق، ئوتىغۇچنىڭ ئورنىنى چوڭ ماشىنىلار ئالدى. چېن گوجۇڭ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئائىلىسىنىڭ ئون نەچچە مو يېرىدىن ئايرىلىپ باقمىدى، ئۇ ئون نەچچە مو يەرگە شال تېرىپ، 10 مىڭ خالتىدا شياڭگۇ ئۆستۈرۈپ، ھەر يىلى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. ئۇ يەنە ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىپ، كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋالماقچى بولدى. ئۇ: يولىمىز بارغانسېرى كېڭىيىۋاتىدۇ، دېدى.

    ‹‹بۇ يىل يېزا ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 40 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى. بۇ ھەم شياۋگاڭ كەنتىنىمۇ يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك.›› ئەنخۇي ئۆلكىسى چۇجوۋ شەھىرىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى شياۋگاڭ كەنتى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى لى جىنجۇ يەرلىكنىڭ مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىلىكىدىن كۆپچىلىك ناھايىتى ھاياجانلاندۇق، ئىنتايىن روھلاندۇق، زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىش شادلىقىدىن تەڭ بەھرىلىنىش بىلەن بىللە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دېھقانلارغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق.

    بۇ يىل 2–ئايدا، شياۋگاڭ كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھۆددىگەرلىك خاتىرە سارىيى ئالدىغا جەم بولۇپ، تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ ئىگىلىك پايدىسى پاي ھوقۇقىدىن تەقسىملەپ بېرىلگەن پايدىنى ئالدى، ھەر بىر كىشىگە 350 يۈەندىن تەگدى. شياۋگاڭ كەنتى كوللېكتىپ مۈلۈك پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى ھەم پاي ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى تارقاتتى، كەنت ئاھالىلىرى ‹‹ھەممە كەنت ئاھالىسى يەر ھۆددە ئېلىش››تىن كەنت كوللېكتىپ مۈلكىنىڭ ‹‹پېيى ھەممە كىشىدە بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇردى.

    ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ‹‹شياۋگاڭ›› ماركىسىدىن پايدىلىنىپ تىجارەتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەچكە، كوللېكتىپ ئىگىلىك پايدىسى بۇلتۇرقىدىن كۆپ ياخشى بولدى، بۇ يىل پۇقرالارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدىغان پايدا مۇقەررەر بۇلتۇرقىدىن كۆپ بولىدۇ. بىز دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى قوزغاپ، شياۋگاڭ كەنتىنى گۈللەندۈرۈشكە قاتنىشىش ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ بىللە ئىشلەپ، شياۋگاڭ كەنتىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز!

    باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىلىكى ئوخشاشلا شەرقىي شىمالدىكى بىپايان مۇنبەت تۇپراقتا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ‹‹بىز تېخىمۇ خۇشال بولدۇق، ئىپتىخارلاندۇق، كۆڭلىمىز تېخىمۇ توق بولدى، غەيرىتىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى!›› جىلىن ئۆلكىسى يۇڭجى ناھىيەسى ۋەنچاڭ بازىرىدىكى ‹‹يېڭى دېھقان›› جاڭ نەننەن مۇنداق دېدى: يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى زور ئىستراتېگىيەنى ئالغا سىلجىتىشتا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېزىلاردا نى–نى ئىشلارنى قىلالايدۇ.

    28 ياشلىق جاڭ نەننەن ھەم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتچىسى، ھەم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتىنى ئۆگىتىدىغان ‹‹مەشقاۋۇل››. شۇ پەيتتە، ئۇ بىر شاللىقتا كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئۇچۇرۇش مەشغۇلاتى قىلغاچ، شال ئورۇش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، سۆزلىشىش ئاپپاراتىدا كومبايىن شوپۇرى بىلەن سۆزلىشىپ، كومبايىننىڭ يۈرۈش لىنىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتاتتى. كومبايىننىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ئالتۇن دانلار ئامبارغا كىرگۈزۈلۈۋاتاتتى.

    ئۇ مۇنداق دېدى: مەن دېھقانچىلىق مەيدانىمنىڭ داڭلىق گۈرۈچ ماركىسىنى داۋاملىق يارىتىپ، ئالتۇنرەڭ شاللىقتىكى ئەلا سۈپەتلىك گۈرۈچنى تېخىمۇ كەڭ بازار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، سۈپەتلىك گۈرۈچنى ياخشى باھادا ساتىمەن.

    ھەر كۈنى سەھەر سائەت 6 دە كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىش جياڭسۇ ئۆلكىسى تەيجوۋ شەھىرى گاۋگاڭ رايونى شۈجۇاڭ كەنتىنىڭ 1–شۇجىسى شۈ چىنشېڭنىڭ 20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئادىتى. 9–ئاينىڭ 23–كۈنى سەھەردە، شۈ چىنشېڭ ئورنىدىن تۇرۇپ تېلېۋىزورنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى مىليونلىغان دېھقاننىڭ جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆردى.

    ‹‹دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى، دېھقانلارنىڭ ئاخىر ئۆزىنىڭ بايرىمى بار بولدى.›› شۈ چىنشېڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: يېزىلارنىڭ باھارى كەلدى. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېزىلاردىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەيمىز!

    شۈ چىنشېڭ مۇنداق قارىدى: يېزا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ‹‹كىشىلەرنى پىششىق بىلىش، يولنى پىششىق بىلىش، يەرنى پىششىق بىلىش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دائىم پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋاللىشىپ تۇرۇش كېرەك. كەنت كادىرلىرى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ ‹‹يېتەكچىسى، مۇلازىمەتچىسى، مەسلىھەتچىسى، ئارقا سەپ تەمىناتچىسى›› بولۇشى كېرەك.

    ھەممە جايدا زىرائەتلەردىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، مېۋە–چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى كېلىپ تۇرۇۋاتقان، مىليونلىغان دېھقان مول ھوسۇللۇق يىلنى ئورتاق تەبرىكلەپ، شادلىقتىن تەڭ بەھرىلىنىۋاتقان پەيتتە، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يارقىن سىمفونىيەسى جۇڭگو زېمىنىدا جاراڭلىق ياڭراشقا باشلىدى!

    (مۇخبىرلار دۇڭ جۈن، گاۋ جىڭ، تاڭ شىڭ، جوۋ نەن، خوۋ ۋېنكۈن، دۈەن شۈ، جېڭ شېڭجۇ)

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 23–كۈنى تېلېگراممىسى)

    http://uy.ts.cn/system/2018/09/24/035390939.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى