ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 20- كۈنى 09:00   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9–ئاينىڭ 17–كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى ئورۇنلار، تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايون ۋە دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك.ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ساياھەتچىلىك خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى شىنجاڭنىڭ تۈۋرۈك كەسپى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم موتور سۈپىتىدە تۇتىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ساياھەتچىلىك ئىقتىسادىدا كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى تېزلىتىش ئومۇمىي تەلىپى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدە، بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر، ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىنىڭ روھىنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئومۇمىي تەلىپى ۋە نىشان–ۋەزىپىسىنى قەتئىي، كەسكىن، كەم–كوتسىز ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، پەيتنى قولدىن بەرمەسلىكىمىز كېرەك، دەيدىغان روھ بىلەن، ئىشنى قىلغان ئىكەنمىز، چوقۇم ياخشى قىلىشىمىز كېرەك، دەيدىغان غەيرەت بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك خىزمىتىدە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ئىلمىي پىلانلاش، بىرتۇتاش پىلانلاشنى تەشكىللەش ۋە تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، شارائىت يارىتىپ، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، 2020–يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەتچىلىك ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا قەدەم قويۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، ھەرقايسى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

    ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

    http://uy.ts.cn/system/2018/09/19/035384721.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى