ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

پاختا نىشانلىق باھا تولۇقلىمىسىنى بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى توغرىسىدا

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 19- كۈنى 09:54   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  شىنجاڭ گېزىتى

  پاختا «نىشانلىق باھا سۇغۇرتىسى + زاكاز مال» ئەندىزىسى توغرىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى يېقىندا خاڭجۇ شەھىرىدە ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن جېڭجۇ تاۋار بىرژىسى ئۇيۇشتۇرغان، جېجياڭ ئۆلكىلىك پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك ئاكسىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو تىنچ ئوكيان مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جېجياڭ شۆبىسى ۋە شىنجاڭ شۆبىسى بىلەن جېجياڭلىق سودىگەرلەر زاكاز مال چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

  يىغىنغا قاتناشقان ھۆكۈمەت ساھەسى، پۇل مۇئامىلە ساھەسى ۋە ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى ئەربابلار 2017- يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ چىلان يېزىسىدىكى سىناق نۇقتىسىدا يولغا قويۇلغان پاختا «نىشانلىق باھا سۇغۇرتىسى + زاكاز مال» ئەندىزىسى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. يىغىنغا قاتناشقانلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئەندىزىنى يولغا قويۇش پاختا نىشانلىق باھا تولۇقلىمىسىنى بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى توغرىسىدىكى ئىزدىنىش، ئۇ ئىزدىنىش مۇقەررەر ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى خەلقئارا بازار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق دۆلىتىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

    يېڭىلىق يارىتىلىپ «سۇغۇرتا + زاكاز مال» ئەندىزىسى يولغا قويۇلدى

  بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدا سۆزنى جۇڭگو تىنچ ئوكيان مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جېجياڭ شۆبىسى بىلەن جېجياڭلىق سودىگەرلەر زاكاز مال چەكلىك شىركىتى ئېلىپ بارغان پاختا «نىشانلىق باھا سۇغۇرتىسى + زاكاز مال» تۈرىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككى شىركەت 2016- يىلى 9- ئايدا «سۇغۇرتا + زاكاز مال» تۈرى بويىچە ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان ھەم دۆلەت بويىچە نامرات ناھىيە − كەلپىن ناھىيەسىنى سىناق نۇقتىسى قىلىشنى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتكەن.

  تۈرگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى 2017- يىلى 8- ئايدا ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان جۇڭگو تىنچ ئوكيان مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جېجياڭ شۆبىسى تەشۋىقات، تەربىيەلەش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆلچىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى مۆلچەرىي ھېسابلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى باشلىغان. 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ھۆددىگە ئېلىنغان كېۋەزلىكنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى مۆلچەرىي ھېسابلاش خىزمىتى پۈتۈنلەي تاماملانغان ھەم سۇغۇرتا شىركىتى تالونغا ئىمزا قويۇپ توختامدا بەلگىلەنگىنى بويىچە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى باشلىغان. بۇ تۈرنىڭ لايىھەسىگە ئاساسەن، جۇڭگو تىنچ ئوكيان مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جېجياڭ شۆبىسى كەلپىن ناھىيەسى چىلان يېزىسىدىكى 1187 پاختىكار ئائىلىنىڭ 27 مىڭ مو كېۋەزلىكىنى 2017- يىلى 9- ئايدىن 11- ئايغىچە سۇغۇرتىلىغان.

  جۇڭگو تىنچ ئوكيان مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ چىڭيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ مەزگىلدە چىلان يېزىسى بېكىتكەن پاختا زاۋۇتىنىڭ بەش يىلدىن بۇيان پاختا سېتىۋالغانلىقىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈردۇق. ئوتتۇرىچە سانغا ئاساسەن، 2017- يىلىدىكى ھەر كىلوگىرام چىگىتلىك پاختىنىڭ نىشانلىق سۇغۇرتا باھاسىنىڭ 7.6 يۈەن ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىقتۇق.

  جېجياڭلىق سودىگەرلەر زاكاز مال چەكلىك شىركىتىنىڭ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى لەن مىن مۇنداق دېدى: پاختىكارلار جۇڭگو تىنچ ئوكيان مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتىگە نىشانلىق باھا بويىچە سۇغۇرتىلانسا، سۇغۇرتا شىركىتى خەۋپ- خەتەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. زاكاز مال شىركىتىنىڭ خەۋپ- خەتەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش شۆبىسى تەمىنلىگەن بىرژا سىرتىدىكى قەرەللىك ھوقۇق رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، سۇغۇرتا شىركىتى بىرژا سىرتىدىكى قەرەللىك ھوقۇقنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق، باھا خەۋپ- خەتىرىنى زاكاز مال شىركىتىنىڭ خەۋپ- خەتەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش شۆبىسىگە يۆتكەيدۇ؛ خەۋپ- خەتەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش شۆبىسى يەنە قەرەللىك ھالدا ھوقۇق يۈرگۈزۈش ئارقىلىق خەۋپ- خەتەرنى زاكاز مال بازىرىغا يۆتكەيدۇ.

  لەن مىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر كىلوگىرام چىگىتلىك پاختىنىڭ نىشانلىق سۇغۇرتا باھاسى 7.6 يۈەن بولسا، مۇناسىۋەتلىك ھېسابلاش فورمۇلاسى بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندىن كېيىن، سۇغۇرتا مەزگىلىدە ھەر بىر توننا زاكاز پاختىنىڭ نىشانلىق سۇغۇرتا باھاسى 15 مىڭ 600 يۈەن بولىدۇ. سۇغۇرتا مەزگىلىدە ھەر سودا كۈنىدىكى پاختا زاكاز مال توختامى(CF1801) بويىچە بازارنى توختىتىش باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى بازار باھاسى قىلىپ ھېسابلىنىدۇ.

  سۇغۇرتا مەزگىلى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بازار باھاسى زاكاز مال قىلىنغان پاختىنىڭ نىشانلىق سۇغۇرتا باھاسىدىن يۇقىرى بولسا، پاختىكارلار بازارغا قاراپ پاختىنى بازار باھاسى بويىچە سېتىپ نەپ ئالىدۇ؛ جۇڭگو تىنچ ئوكيان مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جېجياڭ شۆبىسى جېجياڭلىق سودىگەرلەر زاكاز مال چەكلىك شىركىتىنىڭ خەۋپ- خەتەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش شۆبىسى تاپشۇرغان راسچوت پۇلنى پاختىكارلارغا تۆلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ.

  جۇ چىڭيۇڭ مۇنداق دېدى: سۇغۇرتا مەزگىلى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، بازار باھاسى بويىچە زاكاز مال قىلىنغان پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسى سۇغۇرتا باھاسىدىن تۆۋەن بولسا، جۇڭگو تىنچ ئوكيان مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جېجياڭ شۆبىسى جېجياڭلىق سودىگەرلەر زاكاز مال چەكلىك شىركىتىنىڭ خەۋپ- خەتەر ئىشلىرىنى باشقۇرۇش شۆبىسى تاپشۇرغان راسچوت پۇلنى پاختا زاۋۇتىغا بېرىدۇ. چۈنكى، پاختا زاۋۇتى پاختىكارلارنىڭ ھەر كىلوگىرام پاختىسىنى چىگىتلىك پاختىنىڭ نىشانلىق سۇغۇرتا باھاسى بويىچە 7.6 يۈەندىن سېتىۋېلىپ زىيان تارتقان. شۇڭا سۇغۇرتا شىركىتى پاختا زاۋۇتىغا تۆلەم بېرىدۇ.

    بازارلاشتۇرۇپ دېھقانلارغا تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى

  شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى MBA ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى، ماگىستىر ئاسپىرانتۇرلار يېتەكچىسى ياڭ شىنشۈن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يولغا قويۇلغان پاختىنى ۋاقىتلىق يىغىپ ساقلاش سىياسىتىدىن ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان پاختا نىشانلىق باھا تولۇقلىمىسى سىياسىتىگىچە بولغان سىياسەتلەر ئېلىمىز ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان باھا مېخانىزمىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن يولغا قويغان سىياسەتلەردۇر. پاختا «نىشانلىق باھا سۇغۇرتىسى+ زاكاز مال» تۈرىنى نۇقتىدا سىناق قىلغانلىق پاختا باھاسىنى بازارلاشتۇرۇپ تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىشتىكى تەدبىرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، 2016- يىلىدىن باشلاپ مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە «سۇغۇرتا +زاكاز مال» ئەندىزىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۇدا ئۈچ يىل ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بولۇپمۇ 2017- يىلى 3- ئايدا دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە چۈشۈرگەن «پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق دېيىلگەن: يېزا ئىگىلىكىگە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشتە پايدىلىنىش ئۈچۈن، پاختا تولۇقلىمىسى بېرىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سۇغۇرتا ۋە زاكاز مال قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ۋاسىتىلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، نىشانلىق باھا سۇغۇرتىسى، «سۇغۇرتا + زاكاز مال» ئەندىزىسىنى نۇقتىلاردا سىناق قىلىش كېرەك.

    نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، تۆلەم نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى

  مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان زاتلار 2018- يىلى بۇ تۈرنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش تەكلىپى بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى لى چاڭچىڭ مۇنداق دېدى: بۇ تۈرنىڭ يۆنىلىشى توغرا بولۇپ، تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. ئۇنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات قەدىمى، سالمىقى ۋە دائىرىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، سىناق نۇقتىسىنىڭ تەجرىبىلىرىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك.

  سىناق نۇقتىسىنى كۆپەيتىشتە، سۇغۇرتا ھەققىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ھەل قىلىش ئاچقۇچ. 2017- يىلى جېجياڭلىق سودىگەرلەر زاكاز مال چەكلىك شىركىتى بۇ تۈرگە سۇغۇرتا ھەققى بەردى، پاختىكارلار پۇل تۆلىمىدى. جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاق مەزگىللىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، سۇغۇرتا ھەققىنى غەملەش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. مېنىڭچە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن ئازراق ئاجراتساق، ئورگان ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئازراقتىن چىقارسا، سىناق نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئاساس سالغىلى بولىدۇ. لەن مىن «سۇغۇرتا + زاكاز مال» تۈرىنى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھا ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىگە كىرگۈزۈپ، سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايونلاردىكى ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ نىشانلىق باھاسى «سۇغۇرتا + زاكاز مال» تۈرىگە دۆلەت قاتلىمىدىن سىياسەت بويىچە تولۇقلىما بېرىش تەكلىپى بەردى.

  جۇڭگو تىنچ ئوكيان مال- مۈلۈك سۇغۇرتىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ جېجياڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جۇ مىڭچېڭ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە تۇنجى قېتىم «زاكازلىق دېھقانچىلىق + سۇغۇرتا + زاكاز مال» ئەندىزىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز كېيىنكى قەدەمدە پاختا كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پاختا زاۋۇتى ۋە پاختىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، كېۋەز تېرىقچىلىقىدىن پىششىقلاش ۋە ئوبوروتقىچە بولغان پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىنى تولۇق قاپلاپ، پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىدىكىلەرنى ئورتاق مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر

http://uyghur.xjdaily.com/56/53644.html

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى