ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى 34 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللىدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 19- كۈنى 09:50   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا «جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مەدەت بولۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىندى. «پىكىر»دە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، گۈللەنمە يېشىل كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇل مۇئامىلە كەسپى جەھەتتىن قوللاش قاتارلىق توققۇز تەرەپتىن 34 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشتا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، پۇل سىياسىتى ۋە ماكرولۇق ئېھتىيات سىياسىتىدىن ئىبارەت «قوش تۈۋرۈك»لۈك تەڭشەش- تىزگىنلەش رامكىسىدا، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك.

  خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى گو جيەنۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پىكىر»دە «قوش تۈۋرۈك»لۈك ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەش رامكىسىدا چىڭ تۇرۇش گەۋدىلىك تەكىتلەندى. پۇل سىياسىتى ئاساسلىقى ئومۇمىي ئىقتىساد ۋە پۇل بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدار مەسىلىسىگە قارىتىلغان، ماكرو جەھەتتىن ئېھتىياتچان بولۇش سىياسىتى كاپىتالنىڭ پىشاڭلىق قۇرۇلما مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تەتبىقلىنىدۇ، ئىككىسى ھەم بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ، ھەم ئۆز ئالدىغا مۇھىم ئەھمىيىتى بار، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەڭشەش- تىزگىنلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا ئاپتونوم رايون ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال قوللاش كېرەك.

  گو جيەنۋېي مۇنداق دېدى: «پىكىر»دە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىرى تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈلدى، ۋەزىپە تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، تېخىمۇ مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە قىلىندى. مەسىلەن: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ياخشى قىلىش زۆرۈر بولغان «ئۈچ چوڭ جەڭ»نىڭ بىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى قوللاشنى چۆرىدەپ، بۇ قېتىم «پىكىر»دە دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات ناھىيە، ئېغىر نامرات كەنت، ئېغىر نامرات ئاھالىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ 2017- يىللىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن يېڭىدىن كۆپەيگەن نامرات نوپۇس ھەم بىڭتۈەندىكى نامرات نوپۇسلارغا قارىتا، «پىكىر»دە يەنە قەرز پۇل تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  گو جيەنۋېي مۇنداق دېدى: «پىكىر»دە گوۋۇيۈەننىڭ بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، خەلق بانكىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ئىقتىدارى ۋە «چوڭ پۇل مۇئامىلە» ئىدىيەسى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى، «چوڭ پۇل مۇئامىلە» بىرىكمە كۈچى جارى قىلدۇرۇلدى، بانكىلار ئارا قەرز ئېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ تەرەققىياتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، كارخانىلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق پاي ھوقۇقىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىلدى، سۇغۇرتا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال مەدەت بېرىلدى، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتى ئۆستۈرۈلدى، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى جارى قىلدۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر

http://uyghur.xjdaily.com/47/54699.html

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى