ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى−شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 19- كۈنى 09:49   |    ئاپتور :

ما جيەنخۇا

  |   مەنبە :  شىنجاڭ گېزىتى

  ماركس تۇغۇلغاندىن بۇيان ئىككى ئەسىر ئۆتۈپ، كىشىلەر جەمئىيىتىدە غايەت زور ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بەردى، لېكىن ماركسنىڭ نامى يەنىلا دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلاردا كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ماركسنىڭ تەلىماتىدىن يەنىلا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرماقتا. ماركسىزم جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھاتىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىگەچكە، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ شەرقتىكى قەدىمىي چوڭ دۆلەت كىشىلەر تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى ياراتتى. ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى داۋامىدا ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد نەزەرىيەسىنى كېڭەيتتى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتتى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە دۆلىتىمىز ئىقتىسادى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال ۋە مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، ئىدىيە ۋە ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىدە ماركسىزمنىڭ خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، كىشىلەر بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئىنچىكە شەرھلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىسادنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

  1. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ تۈپ نەزەرىيەۋى رامكىسى

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ مەزمۇنى مول ھەم چوڭقۇر بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەركەزلىك ئىپادىسى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى «يەتتىدە چىڭ تۇرۇش»قا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

  بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق بېيىش يۆنىلىشىگە قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇشنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشىمىز كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بىز بۇ نۇقتىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادىي خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي سىياسەت تۈزۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بۇ تۈپ مەيداندا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئۈزلۈكسىز كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى ئالغا سىلجىتىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك؛

  ئۈچىنچى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى يېتەكلەش يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىش ۋە ئۇنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلەندۈرۈش كېرەك. «ئەمدى نوقۇل ھالدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قەھرىمان سانىساق بولمايدۇ»، «بىزگە كېرەكلىكى ھېچقانداق ساختىلىق ئارىلاشمىغان ئەمەلىي سۈرئەت»؛

  تۆتىنچى، بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. «دادىللىق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئۈستقۇرۇلمىنى ئىقتىسادىي بازىسنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانۇنىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك»؛

  بەشىنچى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇرسەتنى ياخشى تاللاپ، «رېتسېپ»نى توغرا يېزىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىقتىسادىي خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىش كېرەك؛

  ئالتىنچى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇمىيەتكە، ئۇزاق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قاتار زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك؛

  يەتتىنچى، توغرا خىزمەت تەدبىرى ۋە ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشنى خىزمەت باش رىتىمى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى مۇقىملىق بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىرتەرەپ قىلىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بۇ «يەتتىدە چىڭ تۇرۇش»تا سىياسىي كاپالەت، تەرەققىيات مەقسىتى، تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە ئاساسلىق زىددىيەتلەردىن خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، تەدبىر ۋە ئۇسۇللارغىچە بىر يۈرۈش مۇكەممەل نەزەرىيە سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ تۈپ نەزەرىيەۋى رامكىسى بەرپا قىلىندى.

  2. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى

  «يېڭى، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە» دىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە پارتىيەمىزنىڭ ئېلىمىز ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى. يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتىنى ساقلاپ، ئوتتۇراھال يۇقىرى سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك؛ يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، كىشىلەر بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى، ھاياتنىڭ گۈزەللىكى، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشى بولغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىغا مېڭىپ، ئاسمىنى كۆك، تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ ئوچۇق تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، تەرەققىياتقا ئىچكى- تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي سەۋىيەنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ھەمبەھرە تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىش كېرەك.

  3. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئەڭ مۇھىمى شۇكى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بىرىنچى، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ- خەتىرى ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى زەربىدارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ- خەتەر يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش، بىرگە يېقىنلىشىش»نى مەۋقە قىلىپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، 2020- يىلى ھازىرقى ئۆلچەمدىكى يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنى پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق دېگەن قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ تاغ- دەريالىرى ۋە ھەربىر تال گۈل- گىياھىنىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئۈچ نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا- كەنتلەردىكى كەسىپلەر، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە ۋە تەشكىلاتلارنى گۈللەندۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت سىجىل، مۇقىم بولغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ساياھەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا مۇھىم موتور بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتنى يېتەكلەيدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 1- كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، 2- كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، 3- كەسىپنى زور تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنى زورايتىش ۋە ئەلالاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  تۆتىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. بارلىق كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ، قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىش قىلىپ، ئامما ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، بىخەتەرلىك، مۇھىت، ئادىللىق قاتارلىق جەھەتلەردە دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىقات ئىشخانىسى(تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى

مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل

http://uyghur.xjdaily.com/47/55695.html

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى