ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

«يېشىل ياسىمىچىلىق» سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 19- كۈنى 09:33   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونىمىز سانائەتنىڭ يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېما قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى

  مۇخبىرىمىز خې خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى شىنجاڭ «جۇڭخې»پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاليۇمىن ياپراق پىروكاتلاش سېخىدا ئىشچى چېن جيايۈن كونترولخانىدىكى كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، شۇنچە چوڭ سېختا كونترولخانىنى چېن جيايۈن بىلەن بىر قانچە رېمونتچىلا باشقۇراتتى. مەزكۇر شىركەتنىڭ بىخەتەرلىك، مۇھىت ئاسراش باش نازارەتچىسى لى جۈن مۇنداق دېدى: شىركەتنىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، مەشغۇلات قىلىدىغانلار خېلى كۆپ قىسقاردى، ئەمما ئۈنۈم زور دەرىجىدە ئۆستى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدىكى ئىش تەرتىپى ئارىسىدىكى كېرەكسىز ماتېرىيال، كېرەكسىز سۇيۇقلۇقتىن %100 ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوخشاش دەرىجىدىكى مەھسۇلاتلار ئىچىدە %40 ئېنېرگىيەنى تېجەپ قالدى، مەھسۇلات ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېشىل تەرەققىيات نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى «يېشىل» تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى لايىھەلەش، ياساش تېخنىكىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى يېڭىلاپ، سانائەتنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما يېشىل ياساش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

  7- ئاينىڭ 23- كۈنى، شىنجاڭ «جۇڭتەي» گۇرۇھى فۇكاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىگە بارغىنىمدا، بۇ قاقاس چۆللۈكتە قۇرۇلغان زاۋۇتلاردىكى سايە تاشلاپ تۇرغان يېشىل دەرەخلەرنى، ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈللەرنى كۆردۈم. شىنجاڭ جۇڭتەي(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ خۇڭشىن مۇنداق دېدى: بىز بىر كەسىپلەر رايونى قۇرساق، بىر پارچە قاقاسلىقنى كۆكەرتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېشىللاشتۇرۇش سېلىنمىسىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، بۇلغىما سۇنى نېيتراللاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، زور كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، ھەرقايسى كەسىپلەر رايونىدىكى سانائەت بۇلغىما سۈيىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندۇق. ئالدىنقى يېرىم يىلدا گۇرۇھىمىزنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %66 ئاشتى، بىز يېشىل تەرەققىياتنىڭ تەمىنى تېتىدۇق.

  ئاپتونوم رايونىمىز تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە سىستېمىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق يېشىل لايىھەلەش، يېشىل تېخنىكا ۋە ھۈنەر- سەنئەت، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل باشقۇرۇش، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى، يېشىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەھسۇلاتنىڭ پۈتكۈل ھاياتلىق دەۋرىگە سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ مۇھىت تەسىرى ئەڭ كىچىك بولۇش، بايلىق، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ماس سەرخىللاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونىمىز يەنە پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، يېشىل ياسىمىچىلىقنى ماس ئىلگىرى سۈردى. ھازىر يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىپ، دۆلەتنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى مەبلىغىدىن تەخمىنەن 200 مىليون يۈەننى قولغا كەلتۈردى. تۈر تاماملانغاندىن كېيىن، يېڭىدىن كۆپىيىدىغان مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى 1 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە، يېڭىدىن كۆپىيىدىغان پايدا، باجنى تەخمىنەن 300 مىليون يۈەنگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتى قاتارلىق 36 يېشىل زاۋۇتنى بەرپا قىلدى؛ ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)، قومۇل يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت ئىككى يېشىل كەسىپلەر رايونىنى بەرپا قىلدى؛ يېشىل لايىھەلەش ئىدىيەسىگە ئىگە بىر تۈركۈم پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىك يېشىل مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېما قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە دەسلەپكى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، سانائەتنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئېنېرگىيە تېجەش مەمۇرىي تەپتىش باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ بىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز خىزمەت شەكلىدە داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ، رايون بىلەن ساھە ئوتتۇرىسىدىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېنېرگىيە تېجەشنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئۆلچەمگە يەتمىگەن كارخانىلارنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە ئۆزگەرتىپ، سانائەتنىڭ يېشىللاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر

http://uyghur.xjdaily.com/47/59130.html

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى