ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

يېڭىلىق يارىتىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 19- كۈنى 09:32   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

فەن خۇڭيى

  «4000 كىۋادرات مېتىرلىق ئىش بېجىرىش كۆلىمىدە 3 مىليارد يۈەن سودا سوممىسى يارىتىلىپ، 800 مىليون يۈەن ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ۋە 32 مىليون يۈەن باج كىرىمى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، كەسىپ دائىرىسى ياۋروپادىكى كۆپ دۆلەتكە كېڭەيدى». «بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئەقلىيلەشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىشچىلار ئەسلىدىكى 40 نەچچە ئادەمدىن ھازىرقى تۆت ئادەمگە كېمەيدى، خىزمەت ئۈنۈمى بەش ھەسسىدىن ئالتە ھەسسىگىچە ئاشتى، تېخنىكا سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى. ئەقلىيلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىمىز بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى». «كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق زور ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ۋە ئۇششاق زاپچاسلارنى كەسىپلەشتۈرۈشتە يېڭى بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق». نەچچە كۈندىن بۇيان، «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن ئەمەلىي ئۈنۈمى ئۇدا خەۋەر قىلىندى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى يېتەكلەشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى «يۇقىرى» سۆزىگە ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشتەك مەنە مۇجەسسەملەنگەن.

  «تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم بايانىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك ئۈچ مۇھىم ھالقا يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلانغان بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى تەلىپىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدىكى «يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» دېگەن مۇھىم ھالقىدا تەكىتلەنگىنى دەل يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىجادچانلىقى بولۇپ، مۇھىم ئامىل ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى چوقۇم يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا ئۆزگەرتىش كېرەك.

  يېڭىلىق يارىتىش زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تاللىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ رىقابىتى تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا يېڭىلىق يارىتىشتىكى رىقابەت، «يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك». يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش چوقۇم تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ھەم مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش، ھەم خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرالايدىغان يېڭى مەھسۇلات، يېڭى مۇلازىمەتلەرنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك؛ ھەم مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تەننەرخىنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىش، ھەم ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك. بۇ تەلەپلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئورنىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇش − يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە نىشانغا يېتىش، ئۆتۈپ كېتىشتىكى ئاچقۇچ. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنىڭ تارىخىي پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تەرەققىياتتا غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش − يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.

  كارخانىنى زورايتىشتا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنىڭ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى يېتىشتۈرۈشتىكى تۈپ يول. كارخانىنىڭ بازار رىقابىتىدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدىكى ئاچقۇچ − رىقابەت ئەۋزەللىكىگە، بولۇپمۇ يادرولۇق رىقابەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇش. مەسىلەن: ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا قەدەممۇقەدەم تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك كارخانىدىن دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىغا ئىگە كارخانىغا تەرەققىي قىلىپ، شۇ ساھەدە دۇنيا بويىچە يېڭىلىق يارىتىشتا يۇقىرى پەللىنى ئىگىلەپ، خەلقئارا بازاردا سۆز قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. بەزىلەر ئەمەلىي تەجرىبىسىنى مۇنداق يەكۈنلىدى: ئۆز ئالدىغا تېخنىكىسى، كۇرسلۇق مەھسۇلاتى ۋە ئالاھىدە رىقابەت ئەۋزەللىكى بار كارخانىلارنىڭلا تىجارەت ئەھۋالى ۋە ئۈنۈم يارىتىش ئەھۋالى بىرقەدەر مۇقىم بولىدۇ، تېخنىكىسى، كۇرسلۇق مەھسۇلاتى يوق، تەننەرخقە، بايلىققا، مۇھىتقا، قارا كۈچىنى سېتىشقا تايىنىدىغان كارخانىلارنىڭ يولى ماڭغانسېرى تارىيىدۇ. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، كەسىپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئالدىدا، شىنجاڭ كارخانىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، مەھسۇلات سۈپىتى جەھەتتە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلسىلا يېڭى بوشلۇق ئاچالايدۇ.

  تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ئەڭ نېگىزلىك بولغىنى ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئەڭ تەخىرسىز بولغىنى تۈزۈلمە- مېخانىزم توسۇقىنى تۈگىتىش». يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتىگە ئادىل، باراۋەر، قېلىپلاشقان، ئاشكارا رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك؛ پەن- تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىنى سۇبيېكت، بازارنى يېتەكچى قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈلگەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئىختىساسلىقلارنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئىچكى يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىدىغان رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىدىغان مۇھىم تۇتقا قىلىش كېرەك. تۈزۈلمە- مېخانىزم توسۇقىنى تۈگەتكەندە، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ زور چەكتە ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

  يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىش، مەسىلە ھەل قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرساقلا يېڭى دەۋردىكى تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئىمتىھانىنى ياخشى بېرەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر

http://uyghur.xjdaily.com/47/59320.html

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى