ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلغان بازار بېكىتمە باھاسى مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 19- كۈنى 09:11   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى شىنجاڭ پاختىسى باھاسىنىڭ مۇقىم ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى

  مۇخبىرىمىز شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى دەل كېۋەز غوزىلىرى يوغىنايدىغان مەزگىل، سانجى شەھىرى لاۋلوڭخې يېزا ئىگىلىك رايونى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىسى ما چۈنفېڭ ناھايىتى خۇشال ئىدى، بۇلتۇر چىگىتلىك پاختىنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 430 كىلوگىرامغا يېتىپ، ھەر مو يەردىن تەخمىنەن 200 يۈەن كۆپ كىرىم قىلغانىدى، ئۇنىڭ بۇ يىلمۇ يەنە پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ئىشەنچى بار ئىدى.

  ئۈچ يىل نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە بىر يىللىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن كېيىن، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلغان بازار بېكىتمە باھاسى مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پاختا بازىرىدىكى باھا پەرقى روشەن كىچىكلەپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللاشتى، بازار مېخانىزمىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، بازار رىقابەت كۈچى تەدرىجىي ئاشتى، پاختىچىلىقنىڭ ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرى ئومۇميۈزلۈك جانلىنىپ، شىنجاڭ پاختىچىلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى گەۋدىلەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە سۇ بايلىقى باھا باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2014- يىلى شىنجاڭ پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئاساسىي سانىنى ئېنىقلاپ، پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى ئۇچۇر سۇپىسىنى قۇرۇپ، «ماس كەلمىسە ئۆزگەرتىش» پىرىنسىپى بويىچە، مۇكەممەل سىياسەت تۈزۈپ، تولۇقلىما بېرىش شەكلىنى تەڭشەپ، يولغا قويۇش ھالقىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇلىنى «يوشۇرۇن تولۇقلىما بېرىش»تىن «ئاشكارا تولۇقلىما بېرىش»كە ئۆزگەرتىپ، كېۋەز تېرىقچىلىقىنى يۇقىرى ھوسۇل، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈم يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرىنى ئاشكارىلاش، سەمىمىي تىجارەت قىلىشنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، «پاختىنى ھايىنىغا سېتىش»، ساختا تالون كېسىش قاتارلىق تولۇقلىمىنى ئالداپ ئېلىۋالىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلارنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، قاتتىق جازالاپ، ئىشنىڭ جەريانىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياخشى بازار مۇھىتى بەرپا قىلدى.

  بۇنىڭدىن باشقا، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باھانىڭ شەكىللىنىشىنى بازارنىڭ بېكىتىشىگە تاپشۇرۇپ، ھۆكۈمەت بازار باھاسىغا ئارىلاشماي، پاختىغا چېتىلىدىغان شەخسلەر ۋە تىجارەت ئورۇنلىرى بىۋاسىتە بازارغا يۈزلىنىپ، بازار رىقابىتىگە قاتنىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى؛ بازارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەشكىللىنىش، كۆلەملىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ بەك تېز ئۆرلەپ كېتىشىنى تىزگىنلىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز 2017- يىلى شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ يېڭىچە مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ساۋەن ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسى، جىڭ ناھىيەسى، لوپنۇر ناھىيەسى، ئاقسۇ شەھىرى، مەكىت ناھىيەسىدە نىشانلىق باھا تولۇقلىمىسىنى سۈپەتكە چېتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «قوش 29» دەرىجىدىن يۇقىرى (يەنى ئۇزۇنلۇقى 29 مىللىمېتىردىن ئاشقان، ئۈزۈلۈش سېلىشتۇرما كۈچلۈكلۈكى 29cN/tex دىن يۇقىرى، ماكىلون قىممىتى A دەرىجە بولغان) ئۆلچەمگە يەتكەن پاختىغا تولۇقلىما بېرىپ، پاختىكارلار ۋە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى دەرىجىگە ئايرىپ يىغىش، دەرىجىگە ئايرىپ دۆۋىلەش ۋە پىششىقلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، پاختىكارلار ۋە پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ سۈپەت ئېڭىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  شىنجاڭ لىخۇا پاختىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى كۆپ يىل پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش بىلەن شۇغۇللانغان كارخانا، بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى لى دېخۇا پاختا نىشانلىق باھا سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پاختىكارلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، سۈپەتكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتەك تېرىقچىلىق ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا سۈپىتىنىڭ مۇقىم ئاشقانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدى.

  2017- يىلى، دۆلەت تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ «پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2017- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى، پاختىنىڭ نىشانلىق باھا سەۋىيەسى ئۈچ يىلدا بىر بېكىتىلىدۇ، 2017- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە توننىسى داۋاملىق 18 مىڭ 600 يۈەن بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتمۇ شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىللىق نۇقتىلىق ئىسلاھات خىزمىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى، «كۆلىمىنى كونترول قىلىش، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش» تەلىپىگە ئاساسەن، ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاختا ئوبوروت بازىرىدىكى ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تولۇقلىما بېرىش بىلەن سۈپەتنى چېتىش ۋە «سۇغۇرتا+زاكاز مال»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ ئۈستۈنلۈك ئورنىنى مۇستەھكەملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر

http://uyghur.xjdaily.com/47/60192.html

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى