ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئايروپىلان بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بازىرىغا كىردى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 19- كۈنى 09:08   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

بايىنغولىن ئوبلاستى «لوپنۇر ئالقىتى» ناملىق مەخسۇس نۆۋەتچى يۈك ئايروپىلانى لىنىيەسىنى ئاچتى

  مۇخبىرىمىز ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8- ئاينىڭ 23- كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى گۇرۇپپىسى بىلەن كورلا ئايرودۇرۇمى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ يولغا قويغان خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس نۆۋەتچى يۈك ئايروپىلانى- «لوپنۇر ئالقىتى» تۇنجى قېتىم ئۇچتى. بۇ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقىلىق سىرتقا يۆتكەش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن، شۇنداقلا بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «سىرتقا چىقىرىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يېڭى ۋەزىيەت ياراتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ قېتىم ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقىلىق گۇاڭجوۋ بازىرىدا سېتىلىدىغان ئالقات جەمئىي 20 توننا بولۇپ، ھەممىسى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ مەھسۇلاتى. ئىگىلىنىشىچە، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقىلىق گۇاڭدۇڭ بازىرىغا كىرىدىغان ئالقاتنىڭ ھەر كىلوگىرامنىڭ باھاسى 200 يۈەن ئەتراپىدا ئىكەن، بۇ، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھازىرقى بازار باھاسىدىن %60 يۇقىرى ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يەنە دېھقانلارنىڭ سېتىش باھاسىنىڭ %20 ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالقاتنىڭ سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغان.

  بايىنغولىن ئوبلاستى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئالدىنقى مەزگىلدە بۈگۈر ئاق كىشمىش ئۆرۈكى، «504» توقاچ شاپتۇلنى ئايروپىلان بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بازىرىغا يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىسىنى تولۇق خۇلاسىلەپ، ئۆرنەك ئېلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس نۆۋەتچى يۈك ئايروپىلانى لىنىيەسىنى ئېچىش، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان «ئالقات»، «نەشپۈت»، «چىلان» ناملىق مەخسۇس ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى ئارقىلىق سىرتقا توشۇش شەكلىنى تۇنجى قېتىم قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك بازارلارغا كىرگۈزۈپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ھاۋا يولى ئارقىلىق ئىچكىرىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى ئىستېمال قىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى.

  كېيىنكى قەدەمدە، بايىنغولىن ئوبلاستى ھازىرقى قاتناش ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بايىنغولىن ئوبلاستىدا يىغىلىش ۋە تارقىلىشقا جەلپ قىلىپ، ئاخىرىدا بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس نۆۋەتچى يۈك ئايروپىلانى بىلەن توشۇشنى قەرەللەشتۈرۈپ، دائىملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بازارلارغا تېخىمۇ تېز كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بايىنغولىن ئوبلاستى شىنجاڭ بويىچە ئالقات كەسپى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن، ھازىر، پۈتۈن ئوبلاستتىكى ئالقات 83 مىڭ 700 مو بولۇپ، 2017- يىلى 214 مىليون يۈەن مەھسۇلات قىممىتى ياراتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى

http://uyghur.xjdaily.com/47/60443.html

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى