ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - ئىقتىساد ۋە تەرەقىيات

«بىربەلباغ، بىريول» نىڭ بەش يىللىق سودا سوممىسى 5 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 19- كۈنى 09:06   |    ئاپتور :   |   مەنبە :  شىنجاڭ گېزىتى

دۆلىتىمىز لىنىيە بويىدىكى 25 دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27- ئاۋغۇست تېلېگراممىسى (مۇخبىر يۈ جياشىن). مۇخبىرنىڭ 8- ئاينىڭ 27- كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ بەش يىللىق تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرىليون دوللاردىن ئاشقان، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %1.1 بولغان. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چيەن كېمىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ھازىر دۆلىتىمىز لىنىيە بويىدىكى 25 دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى.

  ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىمىزنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشماقتا. بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە سالغان بىۋاسىتە مەبلىغى يىلىغا ئوتتۇرىچە %7.2 ئاشتى؛ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەردە چېگرا سىرتىدىكى سودا ھەمكارلىق رايونىدىن 82 نى قۇردى، جەمئىي 28 مىليارد 900 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى، رايونغا كىرگەن كارخانا 3995 بولۇپ، ساھىبخان دۆلەتلەرگە جەمئىي 2 مىليارد 10 مىليون دوللار باج تاپشۇردى، شۇ جايغا 244 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى؛ دۆلىتىمىز يەنە لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەردە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، لىنىيە بويىدىكى 13 دۆلەت بىلەن بەش ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى ياكى كېلىشىمنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە ئۇنىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا مېخانىزمنىڭ نەتىجە ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلدى، 103 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات دۆلىتىمىز بىلەن 118 ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. 2017- يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ 279 تۈرلۈك نەتىجىسى ئىچىدىكى 265 تۈر تاماملاندى ياكى دائىملىق خىزمەتكە ئايلاندۇرۇلدى، 14 تۈر بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، ئەمەلىيلەشتۈرۈش نىسبىتى %95كە يەتتى.

  بۇنىڭدىن سىرت، بەش يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى يەنە نۇقتىلىق تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇش، پۇل مۇئامىلە ياردىمىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2020- يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان قوش يۆنىلىشلىك ساياھەتچى سانىنىڭ 85 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئېشىشى، ساياھەت ئىستېمالىنىڭ تەخمىنەن 110 مىليارد دوللار بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى جاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستىقبالىغا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەمەتئېلى

http://uyghur.xjdaily.com/47/60532.html

مۇھەررىر : ئامانگۈل

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى