ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - قىززىق نوقتا

مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 03- كۈنى 04:29   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    بورتالا شەھىرى ئارىلتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەيدان باشلىقى تۆلۆگېن نۇرقاباس

    ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ يىلتىزى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئىدىيەۋى ئاساسى دىنىي ئەسەبىيلىك، ھەرىكەت ئۇسۇلى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى. بىز كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ۋەتەننى پارچىلايدىغان دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا قارشى بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. كىشىلەر ‹‹بىر مەھەل چىققان تەتۈر شامال تەڭرىتاغنى تەۋرىتەلمەيدۇ›› دەپ توغرا ئېيتقان، بىز ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

    پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، تەرەققىيات، ئىلگىرىلەشنىڭ ئۇل تېشى. تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا سىڭىشكەن، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىنى شەكىللەندۈرگەن. ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى مەڭگۈ پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن.

    پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر مىللەت ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، سىياسىي كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرىمەن. چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلەردە بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مۇقەددەس بۇرچىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئالىمەن. ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، مەھكەم تۇرالايدىغان، سىناققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ‹‹قەيسەر گىياھ›› ۋە ‹‹ساپ ئالتۇن›› بولىمەن.

    شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئىش ئورنى ئېڭى، بازا ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە سېپى ۋە پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەيمەن. قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈپ، زوراۋان – تېررورچى ئۇنسۇرلارغا كەسكىن قول سېلىپ، قەتئىي زەربە بېرىپ، ياماننى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، يىلتىزىدىن قۇرۇتىمەن. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قاتارلىقلارنى ياخشى، ئەمەلىي ئىشلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئۇر – ئۇرغا قالدۇرىدىغان كۈچلۈك ھەيۋە شەكىللەندۈرىمەن.

    http://uy.ts.cn/system/2018/08/31/035359345.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى