ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 03- كۈنى 04:22   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    جۇ خەيلۈن ئاپتونوم رايوننىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

    يېڭى دەۋردىكى زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

    مۇخبىرىمىز لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، ئاپتونوم رايون زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى باش نىشانغا پۇختا مەركەزلەشتۈرۈپ، زەھەر چەكلەش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەي، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

    جۇ خەيلۈن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋردە زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەھەر چەكلەش كۈرىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

    جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: قاتتىق ھۇجۇمغا ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ھالىتىنى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈپ، زەھەر ياساش، زەھەر ئېلىپ – سېتىش جىنايەتلىرىگە ۋە زەھەرگە چېتىشلىق قارا، رەزىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، زەھەر جىنايەتچىلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇش؛ نۇقتىلىق ئۆتكەللەرگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زەھەر مەسىلىسى ئېغىر رايونلارنى چوڭقۇر تۈزەپ، زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى سىستېمىسىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زەھەر چەكلەشتە ئۈلگىلىك شەھەر بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش؛ مۇلازىمەت، باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زەھەر چەككەنلەرنى زەھەر تاشلاتقۇزۇش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك چارە – ئاماللارنى قوللىنىپ تېخىمۇ كۆپ زەھەر چەككۈچىنى قۇتقۇزۇۋېلىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، زەھەر چەكلەش كۈرىشىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    http://uy.ts.cn/system/2018/09/01/035360219.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى