ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 03- كۈنى 04:20   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ،بىر يول›› قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

    ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

    چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 31 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلىتىمىزدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش ساغلاملىقى، جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 760 – تەتقىقات ئورنىدىكى خۇاڭ چۈن قاتارلىق ئۈچ يولداشنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركىزىي گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ پېشقەدەم پىروفېسسورلىرىغا يازغان جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە بەش يىلدىن بۇيانقى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر سىستېمىلىق يەكۈنلەنگەن، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر ئىلمىي تەھلىل قىلىنغان، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى. بىز ئۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ ‹‹ئىنچىكە سىزما رەسىمى››نى ياخشى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى تەشەببۇسى دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئىچكى تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولىدىغان، ھوقۇق – مەسئۇلىيەتنى تەڭ زىممىسىگە ئالىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى لايىھە بىلەن تەمىنلىدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى كۆرۈپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەشنى راۋانلاشتۇرۇش››قا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېشىل يىپەك يولى، ساغلام يىپەك يولى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يىپەك يولى، تىنچلىق يىپەك يولى بەرپا قىلىپ، ساغلام، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىغان ئاساستا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنى تولۇق تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ‹‹بەش چوڭ مەركەز››نى تۇتقا قىلىپ، يىرىك پىلان لايىھەسىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن ئېچىۋېتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەت، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇملۇقىدا تۇرۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشى، ئالاقىدار تارماقلار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ماسلىشىپ تەڭ ھەرىكەتلىنىپ، زىچ ماسلىشىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى ئىلمىي بايان قىلىنغان، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى سىستېمىلىق شەرھلەنگەن، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە تەلىپى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتگە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. تۈپ مىزاننى ئىگىلەش كېرەك، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى تۈپ مىزان قىلىپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يىراق كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننى قوللىنىپ، ئىلمىي نىزام چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى نىزام چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيەت تەقسىماتىغا ئاساسەن خىزمەتنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلىتىمىزدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش ساغلاملىقى، جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ 760 – تەتقىقات ئورنىدىكى خۇاڭ چۈن قاتارلىق ئۈچ يولداشنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركىزىي گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ پېشقەدەم پىروفېسسورلىرىغا يازغان جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇش لازىم. ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش ساغلاملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى، يولغا قويۇش پىكرىنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىپ، بالىلارنىڭ كۆزىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاسراش كېرەك. ئىلغار نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىش، ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك، قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىدىغان، قەھرىمانلارنى قوغدايدىغان، قەھرىمانلارغا كۆيۈنىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، يولداش خۇاڭ چۈن، سۇڭ يۆسەي، جياڭ كەيبىنلەرنى ئۈلگە قىلىپ، غايە – ئېتىقادنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇانىڭ ئېستېتىك تەربىيە روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا يەنە ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى>نى يولغا قويۇش پىكرى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

    شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

    http://uy.ts.cn/system/2018/09/01/035360216.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى