ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان كەلگۈسىنى كۈتۈۋالايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 09 - ئاينىڭ 03- كۈنى 04:03   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    − 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

    گېزىتىمىز باش ماقالىسى

    بىر مەقسەتتە بولغانلارغا يول يىراق بىلىنمەيدۇ.

    ئالتۇن كۈز شامىلى كىشىگە راھەت بېغىشلاۋاتقان، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان مول ھوسۇل پەسلىدە، 6- نۆۋەتلىك جۇڭگوئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى. بىز كاتتا كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز، كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ۋە دوستلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

    6- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلىدا شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مۇھىم سىياسىي، ئىقتىساد- سودا پائالىيىتى، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋە 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر- بىرىگە باغلايدىغان ھالقىلىق يىلدا، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق كاتتا خەلقئارالىق ئىقتىساد- سودا مەرىكىسى، بۇ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ دۇنياۋى نەزەر دائىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە شىنجاڭنىڭ دەۋر تەرەققىياتىغا زىچ ئەگىشىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىۋاتقانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

    جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۇدا بەش نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ھازىر ئۇ دۆلەت ئىچى- سىرتىدا سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى، سۈپىتى بىر قەدەر يۇقىرى، تەسىر كۈچى بىر قەدەر زور كۆرگەزمىگە ئايلاندى. جۇڭگونىڭ ئاسىيا- ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم سۇپا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەت(رايون)لەر بىلەن ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم يول، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك سۈپىتىدە، جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە «بىر بەلباغ، بىر يول، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېما قىلىندى، ئۇ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە مۇقەررەر ھالدا جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

    «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش» مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ ئۈزلۈكسىز نەپ بېرىشىنى ئاساس قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ئىچكىرىلەپ ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم خەلقئارالىق سۇپا سۈپىتىدە، جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپاغا ئېچىۋېتىشتىكى ئىقتىسادىي يۈزلىنىشىگە ئاساس سالدى، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىنىڭ يېپيېڭى بېتىنى ئاچتى. بۇ دەل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى ۋە مۇھىم نەتىجىسى. مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدىنىڭ ئۈزلۈكسىز نەپ بېرىشى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى تېزدىن بەرپا قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم ئاساس سالدى، ئاكتىپ تۆھپە قوشتى.

    «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش» تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدۇ. ئىلگىرىكى بەش نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 35 نەپەر جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبىرى ھەم خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇلى، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مىنىستىر دەرىجىلىك 1107 نەپەر ئەزىز مېھمان قاتناشتى، 103 دۆلەت ۋە رايون ھەم خەلقئارالىق تەشكىلات كۆرگەزمىگە قاتناشتى، كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلارنىڭ سانى جەمئىي 2 مىليون 10 مىڭ كىشىگە يەتتى. سۆزلىشىپ كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئالاقىلىشىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىغا بارغانسېرى كۆپ دۆلەت قىزغىن ئاۋاز قوشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگونىڭلا يەككە ئورۇنلىشى بولماستىن، بەلكى «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئومۇمىي خورى، بۇ، ئاللىقاچان خەلقئارا ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى.

    «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش» تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئىنتىلىدۇ. ھەرقانداق ئىشتا بەل قويۇۋەتمەي، داۋاملىق ئىلگىرىلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئايلىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ، بۇ، كېيىنكى باسقۇچتا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسىي تەلەپ. 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى جەمئىي 700دىن ئارتۇق كارخانىنى جەلپ قىلغان بولۇپ، ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن بۇيان دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا، ساھەلەردىكى باشلامچى كارخانىلار كۆرگەزمىگە ئەڭ كۆپ قاتناشقان بىر قېتىملىق كۆرگەزمە بولدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە يەنە خەلقئارالىشىش ۋە داڭلىق ماركىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا رايون ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

    جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، سۆزلىشىپ كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىلىشىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش داۋامىدا كەلگۈسىنى يارىتىپ، چوقۇم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دوستانە ئالاقە كۆۋرۈكىنى، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش كۆۋرۈكىنى، ئېچىۋېتىپ ئورتاق پايدا ئېلىش كۆۋرۈكىنى سالىدۇ.

    6- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!

    http://uyghur.xjdaily.com/47/60635.html

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى