ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى

چۆچەك شەھىرىدە دوستلۇق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىتتىپاقلىق ئىلگىرى سۈرۈلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 08 - ئاينىڭ 28- كۈنى 03:03   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    تەڭرىتاغ تورى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز جاڭ پېيچى، سۈن شىخۇڭ خەۋىرى: چۆچەك شەھىرى دۇبىك كوچا باشقارمىسى باغچە مەھەللە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسى، چۆچەك شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باغچە مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ئائىلىلەر، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەردىن بولۇپ 50 نەچچە كىشىنى باغچە مەھەللە كومىتېتىنىڭ 4-قەۋىتىدىكى يىغىن زالىدا «قولنى قولغا تۇتۇشۇپ قەلبداش بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

    پائالىيەت «گۈزەل تارباغاتاي» ناملىق ناخشا بىلەن باشلاندى، تارباغاتاينىڭ بۇ يەرلىك ناخشىسىنى تەۋەلىكتىكى 77 ياشلىق ئاھالە چياۋ گۈەنجۈن ئېيتقان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئارقىدىنلا ئاھالىلەر، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى نومۇر ئورۇنداپ، پائالىيەتنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

    http://uy.ts.cn/system/2018/08/16/035339756.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى