ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مۇھاكىمە مۇنبىرى

پارتىيە بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ساداسىنى زورايتايلى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 08 - ئاينىڭ 28- كۈنى 02:35   |    ئاپتور :   |   مەنبە : خەلق تورى

    ___ مەركەزنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ يېڭى دەۋر، يېڭى بۇرچ توغرىسىدا ئوچۇق-يورۇق پاراڭلاشتى

    «تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ غايە-ئېتىقاد، قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى جەھەتتە زىچ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا مەملىكەتلىك تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇپ قىلىپ، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

    مەركەزنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مۇنداق دېيىشتى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، جەڭگىۋارلىق، غەيرەتنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

    «توققۇز چىڭ تۇرۇش» يېڭى مەنزىل ئاچتى

    پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى ۋە جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى ئىلغار مەدەنىيىتى كەڭ ئەۋج ئالدى... پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىدە تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە جەھەتتە ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كېلىشى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر بۇنىڭدىن چەكسىز ئىپتىخارلاندى ۋە ھەسسىلەپ روھلاندى.

    مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر، نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، «19-ئاۋغۇست»تىكى مۇھىم سۆزىدىن كېيىنكى يەنە بىر ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇرىنى چاقناپ تۇرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. سۆزدە پارتىيەنىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى قارىشى، يېڭى ھۆكۈمى «توققۇز چىڭ تۇرۇش» بىلەن ئىخچاملىنىپ، تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىزنى يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتىنىڭ تۈپتىن ياخشىلاشتىن دۇرۇس بولۇشتا يېڭىلىق يارىتىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى چالدى.

    جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى دۆلەت ئىچىدىكى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شېن يىبىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «لىنىيە خەرىتىسى» ئېنىق، «مېتودولوگىيەسى» كۈچلۈك بولۇپ، تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى ئىستىقباللىق، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتى.

    http://uyghur.people.com.cn/158504/15731542.html

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى