ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - ۋىلايەت ئوبلاستلار

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى شىنجاڭدىكى «ھەسەن-ھۈسەن شەھىرى»گە ئايلاندى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 07 - ئاينىڭ 10- كۈنى 04:21   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرى ليۇ ياڭ خەۋىرى: «كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش . جۇڭگونى خاتىرىلەش» پائالىيىتى يېقىندا موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدى. بۇ ناھىيەدىكى ھەسەن-ھۈسەندىن مەلۇمات بېرىش سىستېمىسىنىڭ بەرگەن مەلۇماتى ئارقىلىق، دۆلەت مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى، دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جۇڭگو ماكرو ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى، جۇڭگو ھاۋارايى تورى قاتارلىق تاراتقۇلاردىكى مۇخبىرلار قوش ھەسەن-ھۈسەن بىلەن ئوڭۇشلۇق «ئۇچراشتى».

    ئىگىلىنىشىچە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قىش پەسلى ئۇزۇن، ياز پەسلى قىسقا بولۇپ، تومۇز ئىسسقتا گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر، مۆلدۈر قاتارلىقلار كۆپ كۆرۈلىدىكەن. ھەر يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر كۆپ ۋە قانۇنىيەتلىك ياغىدىكەن، ھەسەن-ھۈسەن 100 قېتىمدىن كۆپ كۆرۈلىدىكەن، ئۇنىڭ كۆپىنچىسى قوش ھەسەن-ھۈسەن بولۇپ، ھەسەن-ھۈسەننىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىن كۆپ بولغاچقا، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە شىنجاڭدىكى «ھەسەن-ھۈسەن شەھىرى» دەپ نام بېرىلگەن.

    موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى «ھەسەن-ھۈسەننى قوغلىشىش» ئەترىتى تەشكىللەپ، ئادەم كۆزى ئارقىلىق بىۋاستە كۆزىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەسەن-ھۈسەنگە ئالاقىدار ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىغان. ئۇزاق ۋاقىت توپلانغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق، ھەسەن-ھۈسەننىڭ «گېن ئامبىرى» قۇرۇپ چىقىلغان.

    موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىمىز بۇ يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى «ھەسەن-ھۈسەندىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش» ئەترىتىنى قۇرۇپ چىقتۇق، ھەسەن-ھۈسەنگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار، شۇنداقلا ھاۋارايى مەلۇماتىغا ئاساسەن، ھەر كۈنى ئىچكى جەھەتتە ھەسەن-ھۈسەندىن ئالدىن مەلۇمات بەردۇق. ھەسەن-ھۈسەننى كۆزىتىشتە ئاساسلىقى ھەسەن-ھۈسەننىڭ پەيدا بولۇش ۋە يوقىلىش ۋاقتى، باشلىنىش ۋە توختاش ئورنى، ئەڭ يۇقىرى قاراش بۇلۇڭى، ھەسەن-ھۈسەن پەيدا بولغاندىكى بۇلۇتنىڭ شەكلى، ئاز-كۆپلۈكى، ئېگىزلىكى، بىر سائەتنىڭ ئالدىدىكى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى ھاۋارايى ئەھۋالى، قۇياشنىڭ ئورنى، ھەسەن-ھۈسەن كۆرۈلگەن بۇلۇتنىڭ رەڭگى ھەمدە ئەڭ ياخشى سۈرەتكە تارتىش ۋاقتى قاتارلىقلارنى كۆزىتىمىز. ھەسەن-ھۈسەن بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ئالدىن بېرىلگەن مەلۇماتنىڭ توغرىلىق نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ئادەتتە توغرىلىق نىسبىتى %85تىن يۇقىرى بولىدۇ، ئەگەر 10 سائەتتىن يۇقىرى بولغان ۋاقىتتا ئالدىن مەلۇمات بېرىلسە، توغرىلىق نىسبىتى %60~%50كىچە بولىدۇ.

    ۋاڭ يۈەننىڭ ئېيتىشىچە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك ھەسەن-ھۈسەندىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئەترىتى داۋاملىق ھالدا ھەر قېتىملىق ھەسەن-ھۈسەننىڭ كۆرۈلۈش ۋاقتى، ئورنى، مېتېئورولوگىيە ئامىللىرى، ھاۋارايى شارائىتى ھەمدە سۈرەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسەن، ھەسەن-ھۈسەننىڭ كۆرۈلۈش شەرتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىپ ۋە ئانالىز قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئالدىن مەلۇماتنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، 2019-يىلى 6-ئايدا ھەسەن-ھۈسەندىن ئالدىن مەلۇماتنى كەڭ ئاممىغا رەسمىي ئېلان قىلىشنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.

    http://uy.ts.cn/system/2018/07/06/035286672.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى