ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - خەلقئارا

جۇڭگو ب د ت نىڭ تىنچلىق ساقلاش ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشتى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 07 - ئاينىڭ 02- كۈنى 04:25   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ب د ت 6-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررىس 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە 2-نۆۋەتلىك ب د ت ساقچى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە، جۇڭگونىڭ ب د ت تىنچلىق ئىشلىرىغا كۆرسەتكەن مۇھىم تۆھپىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى.

    گۇتېررىس مۇنداق دېدى: جۇڭگو تىنچلىق ساقلاش ساقچىلىرىنى تاللاپ تەربىيلەشتە ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرىدۇ، ئۇلار تىنچلىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، ب د ت نىڭ خىزمەت قائىدىسى ۋە ئىنتىزام تەلىپىگە قاتتىق رىئايە قىلىدۇ، قاتتىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان كەسپى ساپا ۋە كەسپى ئەخلاقنى نامايان قىلغانلىقتىن، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ب د ت جۇڭگو تەرەپنىڭ تىنچلىق ساقلاش ساقچىلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقىنى ماختىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ تىنچلىق ئىشلىرى ساھەسىدە تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

    جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن باش كاتىپ گۇتېررىس ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ب د ت نىڭ تىنچلىقنى ساقلاش قۇرۇلۇشى ۋە ساھەسىدە رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشنى قەتئىي قوللايدۇ ھەمدە تىنچلىقنى ساقلاش ساقچىلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل قوللايدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ب د ت بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» بىخەتەرلىكى ھەمدە زەھەر چەكلەش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

    2-نۆۋەتلىك ب د ت ساقچى باشلىقلىرى يىغىنى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى، 120 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ساقچى رەھبەرلىرى ب د ت تىنچلىقنى ساقلاش ساقچىلىرىنىڭ قانداق قىلىپ بىخەتەرلىك خىرىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا مۇزاكىرلەشتى.

    http://uy.ts.cn/system/2018/06/25/035269460.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى