ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى

يالغۇزباغ كەنتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزگىچە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 07 - ئاينىڭ 02- كۈنى 04:17   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

                                   

                                  

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيەلىك بازار تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ كۈيباغ يېزىسى يالغۇزباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار 6-ئاينىڭ 24-كۈنى كەنت ئىككى كومىتېتى كادىرلىرى بىلەن بىللە كەنتتىكى 400دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىنى جەم قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدا ئۆزگىچە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە، مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىلدى.

    پائالىيەتتە يەنە، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار كەنتتىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىغا تۇرمۇش بويۇملىرىنى سوۋغا قىلىپ، تۇغقاندارچىلىقىنى يەتكۈزدى، ئۇلار ئۆزئارا مۇڭدىشىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

                                 

 http://uy.ts.cn/system/2018/06/25/035269611.shtml

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى