ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - ۋىلايەت ئوبلاستلار

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 07 - ئاينىڭ 02- كۈنى 04:08   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

      ئۆز خەۋىرىمىز: بۇ يىل 6-ئاي مەملىكەت بويىچە 17-قېتىملىق «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى». بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى قاتناش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش نازارەتچىلىكى ۋە ترانسپورت باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە «ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەشۋىقاتى مەسلىھەت بېرىش كۈنى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

    ئىگىلىنىشىچە، كورلا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى شۇ كۈنى كورلا شەھىرىدىكى چىشىڭ مەيدانى ۋە ئالتۇن دەۋر مەيدانى قاتارلىق جايلاردا تەشۋىقات تاختىسى تەسىس قىلىپ، تەشۋىقات تاختىسى ئۈستىگە نۇرغۇن قاتناش ھادىسلىرىنىڭ مىساللىرىنى بېسىپ چىقىرىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، شەھەر رايونى ئىچىدىكى ئادەم زىچ توپلاشقان رايونلاردا قاتناش ساقچىلىرى مەسلىھەت سوراش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، ئاممىغا قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشنىڭ زىيانلىق تەرىپى ۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى تەشۋىق قىلغان.

    ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيىتىدە ئوبلاست بويىچە 198 ئادەم (قېتىم) ساقچى كۈچى ئىشقا سېلىنىپ، قاتناش بىخەتەرلىك مەسلىھەت بېرىش ئورنىدىن 14ى تەسىس قىلىنغان؛ تارقىتىلغان تۈرلۈك تەشۋىقات ماتېرىياللىرى 20 مىڭ نۇسخىدىن ئاشقان، تەسىس قىلىنغان قاتناش ھادىسى دېلو مىساللىرى تەشۋىقات تاختىسى 87 پارچە بولۇپ، 57 پلاكات ئېسىلغان ۋە 19 قېتىم قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقات فىلىمى قويۇلغان، نەق مەيداندا ئامما ئوتتۇرىغا قويغان 3700 دىن ئارتۇق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلگەن.

    

    http://uy.ts.cn/system/2018/06/27/035271891.shtm

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى