ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى

يىراقتىكى تۇغقىنىم: «شېئىرىم» ۋە «بالىلىقتىكى خۇشاللىقىم»

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 06 - ئاينىڭ 12- كۈنى 04:56   |    ئاپتور :   |   مەنبە : تەڭرىتاغ تورى

 

    سۈرەتتە: غۇلجا ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى سۇڭ رۇڭجۈن (سولدىن بىرىنچى كىشى) تۇغقىنى بىلەن بىللە

    تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز گۇ شىبىن خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 29-كۈنى جاڭ كېكې تۇغقىنى كامالقان كاتىباي بىلەن يېزىدىكى چىغىر يولدا كېتىۋاتقاندا بوران چىقىپ، يامغۇر يېغپ كەتتى، ئۇ چوڭ ئانىسى بىلەن بىللە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى.

    جاڭ كېكې بورتالا ئوبلاستلىق تاشيول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى، يېقىنقى ئىككى يىللىق ئۇچرىشىش ئۇنى بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى كوركىنجو چارۋىچىلىق كەنتىدىكى تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن يەنىمۇ يېقىنلاشتۇردى. 30 ياشلىق جاڭ كېكې كىچىكىدىن بىڭتۈەندە چوڭ بولۇپ، كېۋەز ئېتىزلىقلىرىنى كۆرۈپ كۆنۈپ قالغاچقا، چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا ھەم قىزىقارلىق، ھەم ناتۇنۇش بىلىندى. جاڭ كېكې مۇنداق دېدى: «بىرىنچى قېتىم چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز بىر توپ قوينى ھەيدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالغان ئىدىم».

    كامالقان ئەر-ئايال ئىككى قىزى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، 150 قويى بار. يېقىندا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى سېلىۋاتقان بولۇپ، جاڭ كېكې ھەر قېتىم كەلگەندە تۇغقانلىرى بىلەن بىللە قۇرۇلۇش ئورنىدا ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى. جاڭ كېكې كۈندۈزى ئەمگەك قىلىپ، كەچتە تۇغقانلىرى بىلەن بىللە سەيلە قىلدى. ئايىغى ئاستىدىكى ياۋا قىچىزارلىق ئالتۇندەك سېرىق رەڭگە كىرگەن بولۇپ، ئەتراپى ياپيېشىل يايلاق ئىدى، بۇ مەنزىرىلەر يىراقتىكى تاغ تىزمىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ خۇددىي سىياھ رەسىمدىكىدەك گۈزەللىك نامايان بولۇپ تۇراتتى. بىر ئائىلە كىشىلىرى ماڭغاچ پاراڭلاشتى، جاڭ كېكې چوڭ ئانىسىغا: نېمىشقا يايلاق تولۇقلىمىسى تارقىتىدۇ؟ پۇلنى ئېلىش تەرتىپى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار قايسىلار؟ دېگەندەك ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك تەدبىرلەرنى سۆزلەپ بەردى. چوڭ ئانىسىنىڭ كۆڭلىدىمۇ: يېڭى ئۆيگە قانداق ئۆي جاھازىلىرىنى سەپلەش كېرەك؟ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى يېڭى پىلانلار دېگەندەك تالاي گەپلىرى بار ئىدى.

    «ئات، تۆگە، يايلاق، شۇنداقلا مەن سۆيىدىغان كىشىلەر بار. بۇ، دەل مەن تەلپۈنىدىغان تۇرمۇش». 6-ئاينىڭ 4-كۈنى خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەن جاڭ كېكې كەنتنىڭ سۈرەتلىرىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغاچ، كەنتنى تەسۋىرلەپ يېزىقلارنى قوشۇپ قويۇپ، دوستلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىر جاڭ كېكېنىڭ نەزەرىدە يېزىدىكى تۇغقانلىرى ئەمدى ئۆزىدىن يىراقتا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئىدى.

    قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان تېخىمۇ كۆپ كادىر «قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» دە تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپوشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، خۇددىي كادىر سۇڭ رۇڭجۈندەك بالىلىقىدىكى خۇشاللىقىنى تاپتى.

    غۇلجا ناھىيەسى خۇدىيايۈزى قاغىلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق پەرھاتنىڭ ئوغلى ۋايىت 6-ئاينىڭ 2-كۈنى غۇلجا ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى سۇڭ رۇڭجۈنگە تېلېفون قىلىپ: «سۇڭ تاغا، بىز بىللە تىككەن پەمىدۇر كۆچىتى ئۆسۈپ كەتتى، مەن سىز ئۆگەتكەن بويىچە سۇغىرىپ، ئوغۇتلىدىم، ناھايىتى ياخشى ئۆستى» دېدى.

    «قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، سۇڭ رۇڭجۈن ئېتىز بېشىدا تۇغقانلىرى بىلەن ئادەتتىكى ئىشلار ئۈستىدە سۆزلەشتى، سۇڭ رۇڭجۈننىڭ چارىسى كۆپ بولۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەرنى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلىدى، يەنە تۇغقىنىنىڭ كىرىم ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئەقىل كۆرسەتتى.

    سۇڭ رۇڭجۈن بۇ يىل ئەتىيازدا تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە بۆلجۈرگەن تېرىدى، سۇغىرىپ، ئوغۇتلىدى، بۆلجۈرگەن پىشقاندا كۆپ تەرەپتىن كۈچەپ بۆلجۈرگەننى سېتىپ تۈگەتتى؛ ئىككى ئاي ئىلگىرى ئۇ تۇغقىنىنىڭ ھويلىسىغا پەمىدۇر كۆچىتى قاتارلىق كۆكتات كۆچەتلىرىنى تېرىپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بۈگۈنكى كۈندە پەمىدۇر مايسىسى يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆستى؛ ئۇ تۇغقىنىنىڭ كالا سۈتى سېغىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېڭىنى تۈرۈپ سېغىشنى ئۆگەندى.

    سۇڭ رۇڭجۈن مۇنداق دېدى: «بۆلجۈرگەن ئۈزۈش، پەمىدۇر كۆچىتى تىكىش ۋە كالا سۈتى سېغىش دېگەنلەر بالىلىقىمدا ئاتا-ئانام بىلەن بىللە شۇ ئىشلارنى قىلغان ۋاقتىمنى ئەسلەتتى»، «تۇغقىنىم بىلەن بىللە تۇرغاندا قەلىب دۇنيارىم ناھايىتى تىنچ بولۇپ، تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىدە بالىلىقىمدىكى خۇشاللىقىمنى تاپتىم».

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى