ئۇيغۇرچەقازاقشا 简体
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ‹‹ئالتۇن رەڭلىك قۇم›› تەشۋىقات ئۆمىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى بايان قىلدى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 06 - ئاينىڭ 12- كۈنى 04:54   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

    ‹‹مەن تۇغۇتتىن كېيىن ئانامنى ئەڭ سېغىنغان ئاشۇ دەقىقىدە، گاۋ رۇڭ ئانام بىر قاچا مەززىلىك پولۇ كۆتۈرۈپ كېلىپ، يەپ بېقىڭ، مەن بۇ تاماققا بەك ئۇستا، باھار (ئانام) ئۆزى بىر قوللۇق ئۆگەتكەن، دېدى. مەن پولۇدىن بىر قوشۇق ئاغزىمغا سالدىم، بۇ دەل مەن بەكمۇ سېغىنغان، يېمىگىلى ئۇزاق بولغان پولۇنىڭ تەمى ئىدى، شۇ دەقىقىدە ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلدىم››. 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى دوستلۇق شىمالىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدا ‹‹ئالتۇن رەڭلىك قۇم›› تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ تەشۋىقاتچىسى دىلارە جۈرئەتنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغان نەق مەيداندىكى ئاھالىلەر كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى.

    بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ‹‹ئالتۇن رەڭلىك قۇم›› تەشۋىقات ئۆمىكىنىڭ مەھەللىدىكى تۇنجى مەيدان ‹‹ھېكايە سۆزلەش يىغىنى›› ئىدى. ‹‹ئالتۇن رەڭلىك قۇم›› تەشۋىقات ئۆمىكى سايباغ رايونىدىكى 18 تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى (كوچا)غا بېرىپ، ئاھالىلەرگە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، تۇرمۇشتىكى ئاددىي، لېكىن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئاھالىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتچىسى بولۇشقا يېتەكلەيدۇ.

    دىلارە شىنجاڭ پەن – تېخنىكا سارىيىنىڭ كادىرى، ئۇ كورلا شەھىرىدىكى مىللەتلەر ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتىدىغان قورۇدا چوڭ بولغان. كىچىك ۋاقتىدا تۇتۇق ئانىسى گاۋ رۇڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قويۇق بېرىش – كېلىش قىلىپ ئۆتكەن كۆرۈنۈشلەر ھېلىھەم ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە: ھېيتلاردا، بوۋىسى ئۆمەر چوڭ قازانغا گۆش سېلىپ، ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، چوڭ – كىچىك سوۋغاتلارنى كۆتۈرۈپ ھېيتلىغىلى كىرىدىغان تۇتۇق بوۋىسى گاۋ شاڭيى ئائىلىسىدىكىلەرنى كۈتەتتى؛ ئانىسى باھارگۈل بىلەن تۇتۇق ئانىسى گاۋ رۇڭ بىرلىكتە شەرەپ بىلەن پارتىيەگە كىرگەن ئاشۇ كۈنى خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلغانىدى؛ شۆ تيەن(گاۋ رۇڭنىڭ قىزى) نەچچە كوچىنى بېسىپ، ئېرىپ كەتكەن بولسىمۇ چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت سىڭگەن چوكا مۇزنى ئۇنىڭغا ئەكەلگەنىدى... دىلارە مۇنداق دېدى: ھازىر بوۋام بىلەن ئانام تۈگەپ كەتكەن بولسىمۇ، ھېكايىمىز تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق. ئىككى ئائىلىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقى ئۆزگەرمىدى، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، بىرلىكتە كۈرەش قىلىدىغان ئەنئەنىسى ئۆزگەرمىدى، مېنىڭچە، شىنجاڭ زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بۇنداق ھېسسىياتنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

    ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى دوستلۇق شىمالىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لىمىن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ما يەن تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئارىسىدىكى ھېسسىيات ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ، قولۇم – قوشنىلار بىر – بىرىگە ئىچ سىرىنى تۆكۈشۈپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېكايىسى تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر كارتىنىسى. مەن نۇرغۇن تەشۋىقاتنى ئاڭلىغان، بۈگۈنكى بۇ تەشۋىقات ئەڭ ئالاھىدە بولدى، مەن بۇ ھېكايىنى ئائىلەمدىكىلەر، دوستلىرىمغا سۆزلەپ بېرىمەن.

    ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى دوستلۇق شىمالىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىجيايۈەنزى ئاھالە كومىتېتىنىڭ كادىرى گۈزەلنۇر باتۇر مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە بۇنداق ھېكايىلەر ئەتراپىمىزدا ھەر كۈنى دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بىز پەقەت بۇ ھېكايىلەرنى ناھايىتى ئاز سۆزلەيمىز. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ھەقىقىي ھېكايىلەر سەھنىدە سۆزلىنىپ، ناھايىتى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن تېخىمۇ كۆپ ھېكايىلەرنى توپلاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تېخىمۇ پورەكلەپ ئېچىلدۇرىمەن.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى