ئۇيغۇرچە uyghurche Уйғурчә قازاقشا 中文 يانفون نۇسخسى
ئورنىڭىز : ئۇيغۇرچە - باش بەت - شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىن ئاچتى

يوللانغان ۋاقىت : 2018 - يىلى 05 - ئاينىڭ 14- كۈنى 03:02   |    ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

    يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ‹‹2018 – يىللىق شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش خىزمىتى لايىھەسى›› مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش يېزا ئىگىلىكىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئۇ، دېھقانلارنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشقا پائال يېتەكلەش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، بازارنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–، 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ‹‹چوڭ بازار››لىرىنى نىشانلاپ، چوڭ كۆرگەزمە–يەرمەنكە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا سېتىش، ‹‹10 شەھەر، 100 دۇكان›› ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇھىم تۇتقا، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي بازا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنى كۈچلۈك بازار ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ قاتارلىق نۇقتىلىق شەھەرلەر بازىرىنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ، كەسىپلەشكەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ياخشى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ بىر تۈركۈم ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركىسىنى مەركەزلىك ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ماركىنىڭ داڭقىنى ئاشۇرۇپ، ماركىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە ‹‹10 شەھەر، 100 دۇكان›› ماركېتىڭ ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساقلايدىغان، تەقسىملەپ يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم مەركەزلەرنى قۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش يوللىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەدەنىيەت بايراملىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹ئايدا بىر مەھسۇلات، ئايدا بىر كۆرگەزمە›› شەكلىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پەسىللىك سېتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، ‹‹چىقىرىپ›› تەشۋىق قىلىپ ئۇدۇللاشتۇرۇش، ‹‹كىرگۈزۈپ›› كۆزدىن كەچۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ راۋان سېتىلىشىنى، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹ئالاقە تورى›› يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركېتىڭىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇھىم نۇقتا قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركېتىڭى يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركېتىڭىنىڭ توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى ماس قەدەملىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مۇھەررىر : دىلارە خەمىت

قىززىق نوقتا

ئاكادېمىيە

شىنجاڭ

مۇھاكىمە مۇنبىرى